تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە بولىمىز

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«پۈتۈن ئارمىيە ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملىشى كېرەك».

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمىز.

پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىمىز

خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش لۈيى قىسىمنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ تيەنمۇ نەق مەيداندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. ۋاڭ تيەنمۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز قىسىمنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي جەڭ رەقىبىمىزنى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت جەڭگە كىرەلەيدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم ئالاھىدە ئۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ تارماق ئەترەت باشلىقى ۋاڭ گاڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: نەق مەيداندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، قاتتىق ھاياجانلاندىم. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەترەتكە قايتقاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەيمەن. قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرىمەن».

شىنجاڭ ئىلى شۆبە ھەربىي رايونى خاساڭ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن، كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇ ليەننىڭ جىداۋيۈەنى چېن فېڭگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئەمەلىي جەڭ قىلىش - ئەمەلىي مەشىق قىلىش، پىروگرامما بويىچە مەشىق قىلىش، مەشىقنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەشىقنىڭ ئەمەلىي جەڭ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىمىز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر خىل مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنى خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم ئالتۇن، كۈمۈش مېدال ئېلىپ، دۆلەتكە شان - شەرەپ كەلتۈردى، تۇەنجاڭ دىڭ رىلېي مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتۇر».

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانىدا، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ئەۋجىگە چىققانىدى. بۇ تۇەننىڭ «ئون قىزىل يۇلتۇزلۇق زەمبىرەكچىلەر بەنى» تۇرۇشلۇق ليەندۈينىڭ جىداۋيۈەنى، «1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن تۆھپىكار» دىڭ ۋېيچاڭ مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن زېھنىمىزنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت <ئوقنى كىرىچكە قويۇپ، ئېتىشقا تەييار تۇرۇش>تەك جەڭ ھالىتىنى ساقلاپ، بۇرچىمىزنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ سەنمۇجاڭى جاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى چىڭىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز.

چۆل - باياۋاندا تۇرۇپ مەشىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم شىسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چەكسىز ئىلھام ئالدى، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىغا چۆمدى. «دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش شەكلى، ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز» دېدى قوماندانلىق ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى ۋاڭ جېنجۈن.

ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمىز

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى.

«شىنجاڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش - ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئۇزاق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىدا ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. پەرزەنت ئەسكەرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قاتنىشىشتىن باش تارتمىدى، شۇنداقلا ئىزچىل قاتنىشىپ كەلدى. بىز <ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش>تەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، <دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش> جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشىمىز» دېدى شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شياۋگاڭ.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، قومۇل شۆبە ھەربىي رايونى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قارا دۆۋە بازىرىدىكى 19 نامرات ئائىلىگە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى باشلىدى، جەمئىي 190 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، نامرات ئائىلىلەرگە ساغلىق قوي ئېلىپ بەردى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، رېن جياڭ، رايىدە، جاڭ جىلى، قاتناشقان ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ گويىن، خۇاڭ زۇڭشىڭ، لى جياپېڭ، چېن مىڭ، ليۇ جېڭيى، خۇ جيارۇڭ، ۋاڭ شۇسەي، لۇ ۋېنشەن، زوۋ جۈنيۈ، مى يۆ، تەي خاۋ، ليۇ يۈنلەي، داڭ كې، سۇڭ جو، ۋاڭ خۇڭلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى