تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا ئۈچ تەكلىپ، 61 تەۋسىيە تاپشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 12دە 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ سۇنۇش ۋاقتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا ئۈچ تەكلىپ، 61 تەۋسىيە تاپشۇردى.

يىغىندىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى، تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن ۋە يىغىن مەزگىلىدە، ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قايتا - قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇزاكىرە قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، بىر تۈركۈم تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەكلىپ - تەۋسىيەلەر ئاساسلىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، مائارىپ، داۋالاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. كونكرېت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېسىم قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزدىن قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش قانۇنى»نى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپتا ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش مۇھىتىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە؛ شىنجاڭغا قارىتىلغان چۆللىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيە؛ شىنجاڭنىڭ ئايرودۇرۇم تورى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيەنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە قاتارلىقلار.

پاتىمە قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېسىم قانۇنى» قانۇن چىقىرىش قۇرۇلمىسى جەھەتتە دېگەندەك مۇكەممەل بولمىغاچقا، دۆلىتىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان كېسىم تۈزۈمىدە نۇقسان ساقلىنىپ، كېسىم ئەۋزەللىكىنىڭ دۆلىتىمىزدە دېگەندەك تولۇق جارى قىلدۇرۇلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كېسىم قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى خەلقئارادىكى ئىلغار كېسىم تۈزۈملىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدە يۇقۇم پات - پات يۈزبېرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بۇ قېتىم يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر، زور زىيان ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنداق تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىلمىي، مۇۋاپىق، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بولغان يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە قۇرۇلۇشى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش پەن تەتقىقات سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، ۋىرۇس تەتقىقاتى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى بىلىملىرى تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلسە.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى بولۇپ، جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىقتىسادىي بەلباغلىق ئىقتىدارىغا ئىگە. ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدا دۆلەت 1 - دەرىجىلىك پورتتىن 17 سى بار، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنداق تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەركەز شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئايلىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا بولغان مەبلەغ مەدىتىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا پورتلىرىنى ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلسە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ