تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا 117 تەكلىپ تاپشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈننىڭ بېيجىڭغا ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى ۋە ياخشى روھىي قىياپىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تەكلىپ بېرىش، يىغىندا سۆز قىلىش، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى قىلىش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايى ئۇچۇرلىرى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر - تەكلىپ ۋە سىياسىي مەسلىھەت بەردى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا 117 تەكلىپ سۇنۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ ھەقىقىي تەكلىپ بەردى، ياخشى تەدبىر كۆرسەتتى، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسەتتى.

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى ئىش ئورنى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى.

ئەزالار پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، «دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى»نى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەھەللە ۋە يېزا - كەنتلەرنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەزالار دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قاتناش قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋە جىددىي ئېھتىياجنى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

ئەزالار خەلق تۇرمۇشىغا رىشتە باغلاپ، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ ئەقىل - چارە كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى