تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرچنى جەزمەن ئادا قىلىش

− مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن جۇڭگو ئىشەنچىگە نەزەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شۈ ياڭ، ياڭ يۈخۇا، جياڭ فاڭ، جېڭ جۈنتيەن

2020 - يىلى قىيىنچىلىق ۋە خىرىس مىسلىسىز بولدى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئىبارەت بۇ كۆزنەكتىن بىز بىر ئىشەنچى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم جۇڭگونى، بىر قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەنگەن جۇڭگونى كۆردۇق.

100 يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە 1000 يىللىق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغىنىمىزدا، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوت بوران - چاپقۇندا توسالغۇسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ئىشەنچ − قىيىنچىلىق ئىچىدە يېڭى ئۈمىد تۇغدۇردى

قىيىنچىلىق بولغاندا تېخىمۇ ئىشەنچ بولىدۇ، بۇ، ئىككى يىغىندىن تارقالغان روشەن سىگنال.

ئىككى «1 تىرىليون يۈەن»، ئالاھىدە تەدبىر تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇردى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش... بۇ يىل ئىككى يىغىندا بىر قاتار «كۈچلۈك، يادرولۇق» تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئەمەلىي تەدبىرلىرى كۆرسىتىلدى.

«جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئېنىقلىق قوشۇۋاتىدۇ.» شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، ۋەكىل جاڭ جاۋئەن مۇنداق دېدى: مەيلى «ھەقىقىي ئالتۇن - كۈمۈش» بولغان باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش بولسۇن، ياكى بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش بولسۇن، ئىككى يىغىن بازارغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ تارقاتتى.

كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماسلىشىش جەريانىدىكى تۈرلۈك توسۇق نۇقتىلار كارخانىچى ۋەكىللەر، ئەزالار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولدى.

«كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى.» جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، ئەزا نەن سۈنخۇي مۇنداق دېدى: تۈرلۈك سىياسەتلەر سىجىل كۈچىنى كۆرسەتكەندە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يۆلىگىلى بولىدۇ.

كەسكىن خىرىس ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە ئىككى يىغىندا كەڭ ئورتاق تونۇش توپلاندى، قۇدرەتلىك ئىشەنچ، كۈچ مۇجەسسەملەندى.

« يۇقۇم شارائىتىدا پۈتۈن يەر شارى بويىچە مەبلەغ، ئۇچۇر، تېخنىكا، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق مۇھىم ئامىل بايلىقلىرىنىڭ شاڭخەيگە جۇغلىنىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى.» شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋەكىل چېن مىڭبو مۇنداق دېدى: ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، شاڭخەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

بۇ يىل 1 - پەسىلدە، شاڭخەيدە ئەمەلىي نەقلەشكەن چەت ئەل مەبلىغى 4 مىليارد 669 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 - ئايدا %20.8 ئېشىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە يۈكسىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

«قانچە قىيىنچىلىق بولغانسېرى شۇنچە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇش كېرەك!» جۇڭگو نېفىتى لياۋياڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، ۋەكىل بەي شۆفېڭ مۇنداق دېدى: «قىيىنچىلىق لياۋياڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىدىكىلەرنى باش ئەگدۈرەلمىدى، بەلكى مىسلىسىز غەيرەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇردى، بىز بىر كۈننى ئىككى كۈنگە تەڭ قىلىپ ئىشلەپ، بىر پۇڭنى ئىككىگە بۆلۈپ خەجلەپ، 1 - پەسىلدىكى زىياننى قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىمىز».

10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، لياۋياڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ 4 - ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش يۈك مىقدارى %90كە يەتتى، 5 - ئايدا %100لىك نورمىسىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار» دېدى ئۇ.

ئىرادە − بىزنىڭ نىشانىمىز چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ

چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلىگەندىلا ئاندىن يۈزلىنىشنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

پۈتۈن ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى −

پەنجىن لياۋدۇڭ قولتۇقىدا، قويۇق ئورماندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇناردەك كىرانلار ئارىسىدا يۈك ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بىر يېڭى نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسى قەد كۆتۈرمەكتە ئىدى. بۇ يىل 3 - ئايدا، دۇنيا خىمىيە سانائىتى ماگناتى لىيوندېلباسېل سانائەت شىركىتى قەرەلىدە مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بولغان چوڭ تىپتىكى نېفىت خىمىيە سانائىتى تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتماقتا.

«بازار ھازىرقى زامان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ قىس، كەمچىل بايلىق، ھەرقانداق ئىدراكىي مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان جۇڭگو بازىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ياڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: بىزدە غايەت زور بازار بوشلۇقى، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ بازار بار، ئومۇمىي خەلق ۋە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت چوقۇم يوشۇرۇن خادا تاش، خەتەرلىك ساھىللارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى چۆرىدەپ بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى مەزمۇن ناھايىتى چوڭ سەھىپىنى ئىگىلىدى. «بىز 100 مىليوندىن كۆپرەك بازار سۇبيېكتىغا ئىگە.» دۇڭبېي داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ئەزا جاۋ جى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرگەندە، بۇ بىر يۈرۈش سىياسەت بىرىكمە مۇشتى بازار سۇبيېكتىنى ساقلاپ قالسىلا، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرالايدۇ.

كەلگۈسى پىلان تۈزۈلدى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جۇش ئۇردى −

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ تارقىتىلدى... جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قەدىمى قەتئىي، كۈچلۈك بولدى.

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش... ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قويۇپ بەرگەن ئىسلاھات سىگنالى روشەن بولدى.

«بازار ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ تولۇق شەرتى، ئىسلاھات ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى.» ياڭ ۋېيمىن مۇنداق قارىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاتقاندىلا، 100 مىليوندىن كۆپرەك بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاتقاندىلا، چوقۇم ھەممىلا ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

تۈپ جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىش تۈزۈم ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە −

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يۇقۇم ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى، ئەزا ۋاڭ چېن قارشى يۆنىلىشتە ۋۇخەنگە ئاتلىنىپ، شۇ كەتكىنىچە ئىككى ئايدىن كۆپرەك تۇردى.

«تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىزنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى.» ۋاڭ چېن بۇ كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ چوڭقۇر ئويغا پاتتى، «بىز ئېغىر، زور خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بارلىق بايلىقنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغاپ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايمىز».

4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دابيېشەن مەركەزلىك تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، ئەنخۇي ئۆلكىسى ليۇئەن شەھىرى رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق بىلەن خوشلاشتى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، بۇمۇ بىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.» ليۇئەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ۋەكىل سۈن شۆلوڭ مۇنداق دېدى: تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرسەك، بىزدە چەكسىز كۈچ بولىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.

قەتئىي ئىرادە − جەزمەن چېنىقىش جەريانىدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ

ئىشەنچنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، كۈچنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن گۈللىنىش مۇساپىسىدە يېڭى كوردىناتنى بېكىتىدۇ.

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى مۇقىملاشتۇرۇش −

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 39 قېتىم تىلغا ئېلىندى، ئىككى «1 تىرىليون يۈەن» شەھەر، ناھىيە ئاساسىي قاتلاملىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى، كارخانىلار ۋە خەلق بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندى... دۆلەت ھەقىقىي ئالتۇن، كۈمۈش چىقاردى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر سىياسەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، نەنجىڭ شەھىرى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى چۆرىدەپ 40 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، مەسىلەن، پۈتۈن يىلدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە يۈزلىنىپ 5000دىن كەم بولمىغان ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 14 مىڭ كىشىگە ياردەم قىلىش...

نەنجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، ۋەكىل خەن لىمىڭ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا ئەستايىدىل بولۇش، ئىنچىكە ئىشلەش، راست دەپ بىلىشتەك ئەمەلىي ئىشلەش روھى بولۇپ، كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا ئىللىقلىق ۋە سالماقنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇش كېرەك».

يېڭى پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش −

جياڭسۇ شۈجوۋدا، شۈگۇڭ بېتون ماشىنىسازلىق كەسىپ بازىسىدا ئىش ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 1 - پەسىلدە شۈگۇڭنىڭ ئېكسپورت، سېتىش مىقدارى %50تىن ئېشىپ، ساھە ئېكسپورتىدا بىرىنچىلىكنى داۋاملىق ساقلىدى.

شۈگۇڭ گۇرۇھىدىن كەلگەن ۋەكىل يەن لىجۈەن مۇنداق دېدى: يېڭى ئۇل قۇرۇلۇشى چوڭ پۇرسىتىنى تۇتۇپ، كارخانا يېڭى تىپتىكى رەقەملەشكەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، كارخانىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ساھەگە كۈچ قوشتى.

يېڭى ئۇل قۇرۇلۇشىنى باشلاش، يېڭى ئەندىزە يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭى بۆسۈشكە تۈرتكە بولۇش، يېڭى بوشلۇقنى ئېچىش... پۈتمەس - تۈگىمەس يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلىماقتا.

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى لياۋنىڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، ۋەكىل لاڭ كۈيپىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم «5G+يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش» «5G+ئاقىل داۋالاش» قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، يېڭى ئۇل قۇرۇلۇشى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. «كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت بار، خەۋەرلىشىش تىجارىتى سودىگەرلىرى يېڭى ئۇل قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، رەقەملىك ئىقتىساد ئۈچۈن <تېزلىتىش كۇنۇپكىسى>نى بېسىشى كېرەك».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش −

ئىككى يىغىندا، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭشى ناھىيەسى بەييى بازىرى شيۇيۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لى جۈننىڭ ئەڭ كۆپ توختالغىنى، ئۇلارنىڭ كەنتىنىڭ دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى بولدى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئالاقە تورى تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، بىر مەزگىل نامراتلىقتىن «ھەممىسى كەپە ئۆي»لىك كەنت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2019 - يىلىغا كەلگەندە، كەنتتىكى 264 ئائىلىدىن 153 ئائىلە كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.

يان تېلېفون «يېڭى دېھقانچىلىق سايمىنى»غا ئايلاندى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش «يېڭى دېھقانچىلىق ئىشى»غا ئايلاندى، دېھقانلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى. لى جۈن شيۇيۈن كەنتىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاشقا باشلىدى، «كەنتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئوبوروت مەركىزى قۇرىمىز، چېڭدۇنىڭ ئاۋات سودا چەمبىرىكىدە دۇكان ئاچىمىز...»

ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كۈچەش باسقۇچىغا كەلدى. پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېيىنكى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاساس سالغىلى، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

«كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق بىزنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ.» جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يىشىڭ شەھىرى شىجۇ بازىرى بەيتا كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ئوۋياڭ خۇا مۇنداق دېدى: «ئۆزىمىزنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئارزۇيىمىز جەزمەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى