تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىككى ئالىي مەھكىمىنىڭ دوكلاتى ۋە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، جاۋ جىيۈن، رېن جياڭنىڭ بېيجىڭغا ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز ساھەلىرى بويىچە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار مۇنداق قارىدى: ئىككى ئالىي مەھكىمىنىڭ دوكلاتىدا دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتى زىچ چۆرىدىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن سوت قىلىش ۋە قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيەسى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىنىپ، كىشىلەرگە جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقى، ھەققانىيلىقىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلۇپتۇ.

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھەنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

ئەزا نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: ئىككى ئالىي مەھكىمە دوكلاتىنىڭ بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى نۇرغۇن جانلىق، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان دېلو مىساللىرى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى شەرھلەپ، خەلق ئاممىسىنى ئىككى ئالىي مەھكىمە خىزمىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە قىلغانلىقىدا، شۇنداقلا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغانلىقىدا. دوكلاتتا دىققەت جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، توسۇق نۇقتا، ئاغرىش نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئامما نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە شۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، ئامما نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئامما نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ ئالغا سىلجىتىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچەيتىلىپتۇ.

ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: ئىككى ئالىي مەھكىمە دوكلاتىنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئاددىي - ساددا، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن بولۇپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىككى ئالىي مەھكىمە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سىستېمىسى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنى يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەزا خې چېڭگاڭ مۇنداق دېدى: قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پۇقراۋى كارخانىلارنى باراۋەر قوغداشنى قايتا - قايتا تەلەپ قىلىپ، تىرىشىپ ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇردى. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى «ئېسىپ قويۇلغان دېلو»لارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش سالمىقىنى زورايتىپ، قېپقالغان مۇھىم، زور، چىگىش «ئېسىپ قويۇلغان دېلو»لارنى مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا باغدۆلەت مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، دەۋر ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

ئەزا گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش، جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش چىقىش قىلىنىپ، ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇندا بەلگىلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق - مەنپەئەت كونكرېتلاشتۇرۇلۇپ، جەزمەن خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. بىز سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا نازارەت قىلىش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش، سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ