تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ئالاقىدار ھۆججەت لايىھەلىرى قاراپ چىقىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لىن خۇي، ليۇ خۇي) سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 37 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ باش كاتىپنى تولۇقلاپ سايلاش چارىسى (لايىھە) ۋە تولۇقلاپ سايلىنىدىغان باش كاتىپ نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرىنى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئەزالار بەلگىلەنگەن قارالما ۋە كۈنتەرتىپ بويىچە يىغىنغا ئەستايىدىل قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئىككى مەھكىمە دوكلاتى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسى قاتارلىقلارنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى ھەم ئۆز ساھەسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى. يىغىن بىخەتەر، تەرتىپلىك، ئىخچام، ئەمەلىيەتچىل، مول نەتىجىلىك ئېچىلىپ، روھ ئۇرغۇتۇلۇپ، ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى