تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى ۋە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، رېن جياڭنىڭ بېيجىڭغا ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز ساھەلىرى بويىچە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى ۋە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئەزالار مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە خىزمەتكە قويغان ئومۇمىي تەلىپى تولۇق نامايان قىلىنغان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلگەن، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەنگە ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلغان بولۇپ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش كۈچىنى تەقدىم قىلىمىز.

«بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كونكرېت نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى، بۇنداق تەڭشەش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.» ئەزا نيۇ رۇجى مۇنداق قارىدى: يەرشارىۋى يۇقۇم ۋە ئىقتىساد - سودا ۋەزىيىتىدىكى ئېنىقسىزلىق ناھايىتى چوڭ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى مۆلچەرلەش قىيىن بولغان بەزى تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللارغا دۇچ كەلدى. بۇنداق قىلىش ھەرقايسى تەرەپلەرنى زېھىن - كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەشكە پايدىلىق، يەنە «كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئىمكانىيەت يارىتىش» پىكىر يولىنى نامايان قىلدى.

ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى قەتئىي تۈگىتىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، تىرىشىپ خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىش، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

ئەزا گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلقى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىي ئىشلەشتە. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى كېڭىشىش، تەكلىپ بېرىشكە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قانۇن دەستۇرى نامى بىلەن ئاتالغان قانۇن، ئۇ، ئۇل خاراكتېرىگە ئىگە ھەق تەلەپ قانۇن ئۆلچىمى.» ئەزا پەن شياۋيەن مۇنداق بىلدۈردى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە ئاساسىي ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئىشقا ئاشۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياردەم بېرىش زىچ چۆرىدىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەق تەلەپ قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسى بېيىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ھەممە تەرەپلەردە خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ