«نامراتلىق يىلتىزى»نى تېپىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، نىشانلىق داۋالاش كېرەك.
− شى جىنپىڭ
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ يى، چىن مېيخۇا، ليۇ يىمىڭ، نيې نىڭ
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، نامراتلارنى يۆلەش باشلامچى كارخانىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ تېزدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپى ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە نەزەر −
«باشلامچى كارخانىلار تۈرتكە بولۇش ئۈنۈم ئېففېكتىنى جارى قىلدۇردى»
«ئىلگىرى، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېزىلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرسەم ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتىم. بۈگۈن، بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ ئۇ رېئاللىققا ئايلاندى» دېدى گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ھاسار كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتيۈسۈپ مەمتىمىن. بۇ كەنت چەت، يىراق جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلار ئىنتايىن ئاز ئىدى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىدا قېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم تۇتقا كەمچىل ئىدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ قوللىشىدا، بىر پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى بۇ كەنتكە ماكانلىشىپ، كەنتنىڭ توشقان، ئېشەك قاتارلىق خاس باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى ھەم بۇنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىم ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
«ئىلگىرىكى خوتەننىڭ <يانچۇق تېگى>نىڭ ھازىر <ئالتۇن يانچۇق>ى بار بولدى.» مەمەتيۈسۈپ مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن كەنت بويىچە 42 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى توشقان باقىدۇ، 153 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئېشەك باقىدۇ. باشلامچى كارخانا تايانچ بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى بازار خەۋپ - خەتىرى خېلىلا تۆۋەنلىدى، باقمىچىلىق سەۋىيەسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. «باشلامچى كارخانىلار نامراتلارنى يېتەكلەش سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ھالىتىنىمۇ بېيىتتى.» مەمەتيۈسۈپ مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانا باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ سېتىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە تېخنىك خادىملارنى ئۇزاق مۇددەت كەنتتە تۇرۇپ تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئەۋەتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم كېڭەيتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ بىرلىشىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم دېھقانلارنى تېخنىك قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى پۇختىلىدى.
ھازىر، كەنت بويىچە 500دىن ئارتۇق ئادەم خاس باقمىچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئېغىر ئەمگەكتىن ئازاد بولۇپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.
ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا توختالدى −
«<قان بېرىش> پەقەت بىردەملىك جىددىيلىككە تاقابىل تۇرالايدۇ»
شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى مى ئېنخۇا مۇنداق قارىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا، بولۇپمۇ باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا.
«پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم بېرىشتىن ئىبارەت <قان بېرىش شەكلى>دىكى نامراتلارنى يۆلەشكە تايانغاندا پەقەت بىردەملىك جىددىيلىككىلا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.» ئەزا مى ئېنخۇا مۇنداق قارىدى: نامراتلارنى يېتەكلەشنى مەركەز قىلىپ، «بازار + باشلامچى كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى (كەنت كوللېكتىپى) + نامرات دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يېتەكلەش سۇبيېكتى بىلەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىرلەشتۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تەڭپۇڭ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پايدىنى مۇۋاپىق تەقسىملەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
«نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرى تېخنىكا ئۆگىتىشى كېرەك»
«نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرى تېخنىكا ئۆگىتىشى كېرەك.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئادىل ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: كارخانىلار ئىلغار باشقۇرۇش تەجرىبىسى، ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى نامرات رايونلارغا ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك قىلىشى، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
ۋەكىل ئادىل ئابدۇرازاق مۇنداق قارىدى: كارخانىلار نامرات رايونلارغا بېرىپ خاس كەسىپلەرنى ياكى رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرسا، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، كارخانىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن −
«ئېشەك بېقىپ خېلى كۆپ كىرىم قىلدىم»
مەمەتقادىر سەيپۇللا ھازىر ھاسار كەنتىدىكى نامى بار تېخنىك بولۇپ قالدى، كەنت ئاھالىلىرى ئېشەك بېقىش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسا ئۇنى ئېسىگە ئالىدۇ.
بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئېشەك بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان مەمەتقادىر كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن كۆك ئېشەك كۆپەيتىش مەركىزىگە كېلىپ ئىشلىدى. بۇ يەرگە كىرىپ، ئىشنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ قېتىرقىنىپ زامانىۋى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، قەدەممۇقەدەم ئېشەك بېقىش تېخنىك خادىمىغا ئايلاندى.
5 - ئاينىڭ بېشىدا، مۇخبىر مەمەتقادىرنى كۆرگەندە، ئۇ ئاق خالات كىيىپ، تۇغۇش ئالدىدىكى مادا ئېشەكنى تۇغدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئېشەك بېقىشنى ياخشى كۆرۈشتىن ئېشەك بېقىشنى كەسىپ قىلىشقىچە مەمەتقادىرنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.
«ئېشەك بېقىشتىن قىلغان كىرىمىم خېلى ياخشى، بۇ يىل ئائىلەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا جەزمەن مەسىلە يوق.» ئىلگىرى، مەمەتقادىرنىڭ ئالتە مو يېرى بار ئىدى، ئىككى ئېشەك باقاتتى، ھازىر ئۇ ئۆزى يالغۇز 300 ئېشەك بېقىشقا مەسئۇل، «باشلامچى كارخانىنىڭ تۈرتكە بولۇپ يېتەكلىشى بولغاچقا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا ئىشەنچكە تولدۇق».