تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، يەلكەننى چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچى ۋە كۈچىنى يەتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: مىسلىسىز خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىمىز.

تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن مۇنداق دېدى: 1988 - يىلىدىكى ئومۇمىي مۈلكى 160 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغان بىر كىچىك زاۋۇتتىن، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە بازار قىممىتى 26 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ئاساسىي بۆلەكتە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت بولۇشقىچە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىر تەرەپتىن، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن، يەنە بىر تەرەپتىن، 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشتەك توغرا تاللاشتىن كەلگەن. «شىركەت ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تىپقا ئۆزگەرتىپ، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ» دېدى ۋەكىل جاڭ شىن.

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى، كارخانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز تىرىشىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى دىلشات قېدىرخان مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ ئوبلاستى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«بىزنىڭ نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ئىشەنچىمىز بار.» يەكەن ناھىيەسى ئازادباغ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئابلەت ئەزىز مۇنداق بىلدۈردى: «ئازادباغ بازىرى خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىدۇ».

«مۇقىم» بولۇش ۋە «كاپالەتلىك قىلىش» ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەيمىز

«ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى زور، ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىدىن ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

«ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي تۆھپە يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.» قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى كەسىپ تەرەققىياتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يىن گوجياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە قومۇل شەھىرى تەمىنات ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سالىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، رېن جياڭ، لى ياڭ، پەرىزات ئابدۇل، خەن چىنيەن، ليۇ يى، رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىر شى جىخۇي يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى