تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز

ئەزا مۇتەللىپ قاسىم:

چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېينىڭ بېيجىڭغا ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى: 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى مۇتەللىپ قاسىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، يەنە مەشرەپكە چۈشتۇق، دۇتارلارنى يەنە چېلىشقا باشلىدۇق، «مەن بۈگۈنكى يۇرتۇمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن!»

مۇتەللىپ قاسىم مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىدىغان بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ھەيۋىسىگە زەربە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توستى. «ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزئارا زوقلىنىپ، تۇغقانلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى».

مۇتەللىپ قاسىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، بىز جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللەپ تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ.

مۇتەللىپ قاسىم مۇنداق دېدى: تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىشى بولغاچقا، بىر ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى