شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى
پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، رېن جياڭنىڭ بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى: 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز ساھەلىرى بويىچە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، مۇھىم زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتتى، خەلق رايىنى مۇقىملاشتۇردى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتى ۋە خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپتۇ. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.
ئەزا بادمارا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەم نەتىجىلەر گەۋدىلىك بولغان جاۋاب قەغىزى، شۇنداقلا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش كۆرسەتمىسى بولۇپ، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئەمەلىي، ئاممىغا يېقىن بوپتۇ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، يارقىن نۇقتىلار كۆپ، كىشىلەر قەلبىگە ياقىدىغان دوكلات بوپتۇ. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىق پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پەيتنى قولدىن بەرمەي، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىمىز.
ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپتۇ. پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاچقۇچ ئەمەلىي ئىشلەشتە. خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، ھازىرقى قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم بۆسۈپ ئۆتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى جەزمەن ئۈمىدكە تولىدۇ.
ئەزا مى ئېنخۇا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچەش تەدبىرلىرىدە «تەييار مال»لار لىق بوپتۇ. كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمەنكى، بۇ يەنە تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈش كۈرەش ئىرادىسىنى تولۇق قوزغىتىدۇ. بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئۇرغۇپ چىققان ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش روھىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.