تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قان - تەر بىلەن سۇغىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئاخىرقى ھېسابتا نامرات ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ۋاڭ جېن، ليۇ فېڭجىڭ، جامبولات ماناربېك

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىلدا، قانداق قىلغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 165 مىڭ 800 ئادەمنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر»نى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەرتىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ نامرات، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن مۇھىم.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە نەزەر −

«ھەممە ئادەم ئىش قىلىشنى خالىسا، ئەمگەكچان بولسا نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ»

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى كۆكتاتلارنى سۇغىرىۋاتاتتى، بەزىلىرى ھويلا - ئارانلارنى يىغىشتۇرۇۋاتاتتى، بەزىلىرى كەپتەر قەپىزىنى تازىلاۋاتاتتى... بۇ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا بازىرى توغاچ كەنتىدىكى ئالدىراش مەنزىرە ئىدى.

2018 - يىلىدىن بۇيان، توغاچ كەنتى كۆكتات تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ «كۆك - تاق»ىنى بەرپا قىلدى؛ خاس باغ - ئورمانچىلىقنى زورايتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى كېڭەيتتى؛ كەپتەر فېرمىسى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى...

«نېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىدە كەنت ئاھالىلىرى ھەرىكەتكە كېلىشى، ئىشچان بولۇشى كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋاڭ مىڭفۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن كەنتتە 495 ئائىلە 2030 ئادەم بار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، كىرىم قىلىش يوللىرى بىرخىل، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى يۇقىرى. «ئاممىنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى، غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇشىغا ياردەم بەرگەندە، ئاندىن نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، مېۋە بەرگۈزگىلى بولىدۇ».

پارنىك قۇرۇش، كەپتەر فېرمىسى قۇرۇش، گىلاسلىق باغنى تەرەققىي قىلدۇرۇش... بىر قاتار نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ئەمەلىيلەشتى، ئىشلەشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم نامرات ئائىلىدىكىلەر ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە تاپتى، ئىش قىلالايدىغان بىر توپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ئاشتى، يەنە قابىلىيەتلىك بىر قىسىم باشلامچىلار نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى تەدرىجىي زورايتىشقا تۈرتكە بولدى. نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، توغاچ كەنتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئاۋۋال ھەرىكەتكە كەلدى، ئىلغارلار ئارقىدا قالغانلارنى يېتەكلىدى، ئاستا - ئاستا كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى قوزغىتىلدى. تىرىشىپ ئىشلەشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق بېيىش پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، كۈنلىرى ئۈمىدكە تولدى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ئىشەنچىمىز بار» دېدى ۋاڭ مىڭفۇ.

ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا توختالدى −

«كۆز قاراش ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ»

«كۆپچىلىك تىرىشىپ ئىشلىسىلا، چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رېيزا باغدۆلەت مۇنداق دېدى: نۇرغۇن نامرات ئاھالىنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىدىيەۋى قارىشى مۇتەئەسسىپ بولۇپ، 1 - شۇجى، خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ بىللە ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

رېيزا باغدۆلەت تۇرۇشلۇق جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتى 2016 - يىلى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقىشتا، دەل كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىش يولىدا ماڭغانىدى. «كۆز قاراش ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.» رېيزا باغدۆلەت مۇنداق بىلدۈردى: ئىلمىي پىلانلانغان نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولىدۇ، پەقەت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىنلىقى ئۇرغۇسىلا، ھەرىكەتكە كەلسىلا، چوقۇم ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن گۈزەل ئەتىنى يارىتالايدۇ.

«تولۇق غەيرەتكە كەلگەندە نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ»

«ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، مۇشۇنداق ۋاقىتتا، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا مۇقىم، پۇختا مېڭىش كېرەك» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىلنار ئابلا.

دىلنار ئابلا مۇنداق قارىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا نامرات ئاھالىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىش كېرەك، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىق ئاساس. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى چىن كۆڭلىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان، ماھارەت ئىگىلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى بىلىدىغان، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغان قىلىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرالايمەن −

«ئىش قىلسىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ»

تاماق ۋاقتى بولغاندا، توغاچ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىۋانخان يۈسۈپ بېدە، قوي گۆشى قىيمىلىق جياۋزا تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى گۆش يېمەكچى بولسا، ئىنچىكە ھېساب - كىتاب قىلاتتى.

روزىۋانخاننىڭ سول پۇتى مېيىپ بولۇپ، ئېرى ئابلىمىت ئېلىنىڭ پۇل تېپىپ ئائىلىنى بېقىشىغا تايىناتتى. ئەمما، ئائىلىسىنىڭ ئارانلا ئىككى مو يېرى بولۇپ، ھوسۇل بىرقەدەر ئاز ئىدى. نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك، 1 - شۇجى ۋە كەنت كادىرلىرى ئابلىمىتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارغا ئەقىل كۆرسەتتى، ئامال ئويلىشىپ بەردى. ئابلىمىت ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ كەنت كادىرلىرىغا ئۆزىنىڭ كىچىك تىجارەت قىلىپ، كەنتتىكى گىلاسلىق باغقا تايىنىپ، خاس ساياھەتچىلىكنى سىناپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يىغقان پۇلىغا بىر ئات سېتىۋالدى، كەنت ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر ئات ھارۋىسى «ياردەم قىلدى». بۇلتۇر ساياھەت ئاۋات مەزگىلدە، ئابلىمىت 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى. ئىلگىرى بولغان بولسا بىر يىلدىمۇ بۇنداق كۆپ پۇل تاپالمايتتى.

ئېرىنىڭ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، روزىۋانخانمۇ ئولتۇرالماي قالدى، تىككۈچىلىك كۇرسىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ دەستە - دەستە مودا كىيىم ژۇرناللىرىنى يىغىپ، تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، كۈنلىرىنى باياشات ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى