تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«بۇ ۋەكىلنىڭ سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى»

− باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش توغرىسىدا توختالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

«بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر يولىدا خۇبېيدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى».

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، كۆپچىلىككە مۇنداق بىر تەپسىلاتنى سۆزلەپ بەردى.

باش شۇجى تىلغا ئالغان ۋەكىل، خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى تەيخې دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى لو جيې ئىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، لو جيې خەۋپ - خەتەر ئالدىدا بۇيرۇققا بىنائەن، شىيەن شەھىرى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى.

خەلق ۋەكىلىنىڭ خەلق سارىيىدا قىلغان سۆزلىرى باش شۇجىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

«بۇ ۋەكىلنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، خۇبېيدا قۇتقۇزۇپ داۋالانغان 80 ياشتىن ئاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى 3000دىن ئاشىدىكەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 87 ياشلىق بىر بوۋاي بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئون نەچچە دوختۇر - سېسترانىڭ نەچچە ئون كۈن كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن ئاخىر بوۋاينىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنىپتۇ. خەلق ھەممىدىن ئەلا دېگەن نېمە؟ شۇنچە كۆپ ئادەم بىر ئاغرىقنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولدى، بۇ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماسلىقنى ھەقىقىي نامايان قىلغانلىق» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

«خەلق» − بۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى يادرولۇق، ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ قالدى.

«قەدىمكىلەر: <خەلق بىلەن مەنپەئەتداش بولغانلارنى خەلق ھىمايە قىلىدۇ؛ خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە تەگكەنلەرنى خەلق يەكلەيدۇ> دېگەن. پارتىيە نىزامنامىسىدە: پارتىيەمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ... دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئېغىر، زور يۇقۇم ئالدىدا، بىز باشلىنىشىدىلا خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر دوختۇر، ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنە، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بايلىقنى خۇبېي ۋە ۋۇخەنگە مەركەزلەشتۈرۈپ يۆتكەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يۇقۇملۇق كېسەل ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئاتلاندۇق، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالدى».

«بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي، ھاياتلىقنى قۇتقۇزدۇق، داۋالىدۇق. مەيلى يېشىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشى، كېسىلىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەرگىز ۋاز كەچمىدۇق، بۇ قېتىملىق يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، بىز مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزغان، داۋالىغان يېشى ئەڭ چوڭ ئاغرىق 108 ياشتا».

باش شۇجى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدىن، خەلقنىڭ كۈچى ھەققىدە توختالدى.

«<كۆپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالايدىغانلارنىڭ جاھاندا تەڭدىشى يوق؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىدىن پايدىلىنالايدىغانلار ئەۋلىيادىن ھېيىقمىسىمۇ بولىدۇ>. مەن شۇنى قايتا - قايتا تەكىتلەيمەنكى، خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ زور ئاساس، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت سەپەرۋەر قىلىنىپ، پۈتۈن خەلق قاتناشتى، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، ئەڭ پۇختا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى. كەڭ خەلق ئاممىسى داۋلىنى تونۇپ، ئومۇملۇققا ئېتىبار بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇللۇق كۈچىنى شەكىللەندۈردى».

ئۇ خەلقنىڭ كۈچىگە ئاپىرىن ئېيتىشتىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن پارتىيەنى خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىشقا ئاگاھلاندۇردى.

«بىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىش، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك».

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، باش شۇجى كۆپچىلىككە يېقىندا سەنشىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى: «مەن داتۇڭدا ئورگانىك سېرىقگۈلنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بازىسىدا كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدىم: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىدۇ، پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلغانلىقنى سىياسىي نەتىجىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىدۇ. بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرىمىز، كادىرلىرىمىز، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلىرىمىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئۆز قولىدىكى ھوقۇقنى، ئىشلەۋاتقان ئىش ئورنىنى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن، پارتىيە ۋە خەلققە ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بەرگەن، پەقەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ». «توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلمەي، مەۋھۇم ئىش قىلماي، قۇرۇق نام قوغلاشماي، قەيەردە ئەمەل تۇتسا شۇ يەرگە بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

«بىزنىڭ پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك ئالاقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى ئويلىغاننى ئويلىشى، بىللە ئىشلىشى، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشى، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى كېرەك.» باش شۇجىنىڭ سۆزى چوڭقۇر ھەم مەنىلىك ئىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى