شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) ئۈرۈمچىدە قۇرغان 2020 مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزى «ئانار بۇلۇت» سۇپىسىنىڭ سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە بايلىقلارنى ئەڭ زور دائىرىدە بىرىكتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن تاراتقۇلىرى، ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىنى ئىككى يىغىن خەۋەر - ئۇچۇرلىرى، تېخنىكا ۋە مەھسۇلات مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا «ئىككى يىغىن كۆزنىكى، ئۇچۇر جەمگاھى، تاراتقۇ سۇپىسى، يۇغۇرما جەڭ مەيدانى» بولۇشتەك كۈچلۈك رولى ۋە گىرەلەشمە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىدۇ.