تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ تۇنجى AI دىكتورى تورغا چىقتى

بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيىدە «ئولتۇرۇپ» ئىككى يىغىننىڭ قىزىق نۇقتا تېمىلىرى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش

شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ تۇنجى AI دىكتورى تورغا چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ چىڭگۇاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن AI دىكتورى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن باشلاندى، بۈگۈندىن باشلاپ مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتا تېمىلىرىغا دىققەت قىلىمەن...» 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) قارىمىقىدىكى يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدا «AI دىكتورى ئىككى يىغىن ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ» دېگەن سىن ئىستونى چىقىرىلىپ، تۇنجى AI مەۋھۇم دىكتور تورغا چىقىپ، كىشىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدىغان تارقىتىش ئۈنۈمى ئېلىپ كەلدى.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ AI مەۋھۇم دىكتوردىن ئىبارەت بۇ تېخنىكا ئاپتوماتىك بىرىكتۈرۈلۈپ، كىرگۈزۈلگەن خەت ئارقىلىق ماس مەزمۇندىكى دىكتور ئاڭلىتىش سىن كۆرۈنۈشى ھاسىل قىلىنىدۇ ھەم سىندىكى ئاۋاز چاستوتىسى ۋە چىراي ئىپادىسى، كالپۇك ھەرىكىتىنىڭ تەبىئىي بىردەكلىكىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ھەقىقىي دىكتور بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈنۈمى نامايان قىلىنىدۇ. بۇ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)نىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر قېتىملىق يېڭى سىنىقى، شۇنداقلا پارتىيە گېزىتى ئوبزور - مۇلاھىزىلىرىنىڭ يېڭى تاراتقۇ تېخنىكىسى بىلەن بىر قېتىملىق يۇغۇرۇلۇشى، ئۇچرىشىشىدۇر.

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، AI مەۋھۇم دىكتورى ھەر كۈنى بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيىدە كۆرۈنۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتا، مەركىزىي نۇقتا تېمىلىرى توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئاممىۋى پىكىرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ ئوبزور - مۇلاھىزىلىرىنى يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىسى ۋە تارقىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ يارقىن، جانلىق، ئاممىغا يېقىن قىلىپ، پارتىيە گېزىتى ئوبزور - مۇلاھىزىلىرىنىڭ ئوبرازىنى كەسكىنلىكتىن يېقىنلىققا ئۆزگەرتىپ، ئامما بىلەن بولغان ئارىلىقنى ئۈنۈملۈك يېقىنلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى