تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرىمىز

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى

دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، رېن جياڭنىڭ بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى: 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى. ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلگەن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، دەۋر ئالاھىدىلىكى، ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن خىزمەت يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

ئەزا خې چېڭگاڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەزالارنىڭ ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. مەن نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتىن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

ئەزا دىلشات ياقۇپ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قوش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى، پائال تۆھپە قوشقانلىقى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپتۇ، بۇ، كىشىنى چەكسىز ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەن دىققىتىمنى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق نىشان - ۋەزىپىلەرگە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

ئەزا ياڭ جيې مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى «خاراكتېر ۋە ئورۇندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھوقۇق ئورگىنىمۇ، قانۇن چىقىرىش ئورگىنىمۇ بولماستىن، بەلكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، <بىزدە بولغىنى ئۇلاردا يوق، بىز قىلالىغاننى ئۇلار قىلالمايدۇ> دېگەن سىياسىي ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىك شەكىل» قاتارلىق بايانلار بىزنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسى، ئورنىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئىشەنچلىك بولۇش، پۇت تىرەپ تۇرۇش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالاقىلىشىدىغان ساھەدىكى ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ بىللە ئالغا بېسىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى