تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

− 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

باش ياز ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسىدىغان، ھاۋا ئوچۇق ھەم ئىللىق بولىدىغان ياخشى پەسىل. بۈگۈن، ھەممە كىشى كۆز تىكىۋاتقان 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئېچىلدى. 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بېيجىڭغا جەم بولۇپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

ئىرادە تىكلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسقا دۇچ كەلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئاساس سالدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قاتارىدا تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلدى. مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋاقتىدا «قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يېيىشتەك ناچار ئادەتنى تۈگىتىش، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى چىقىرىپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قوزغىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قانۇن مەدىتىگە ئىگە قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى خىزمەت ئورۇنلىرىدا پائال تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلققە ۋەكىللىك قىلىش، خەلقنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شەرەپلىك بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ئەمەلىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ، دۆلىتىمىز دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. تەرەققىيات مۇھىتى قانچە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىسلاھاتنى شۇنچە قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى بىلەن ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئايلىنىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، بىز باشتىن - ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەت خاسلىقى، دەۋر خاسلىقىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىدا چىڭ تۇتقۇزۇشىمىز كېرەك.

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. ھازىر يەر شارىۋى يۇقۇم ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن، مۇرەككەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خىرىس مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم. خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرغاندىلا، بىز چوقۇم كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، بىر نىيەتتە ئارزۇغا يېتەلەيمىز.

تارىخنىڭ ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، بەزىدە تىنچلانسا، بەزىدە مەۋج ئۇرىدۇ. بىز بوران - چاپقۇندىن قورقمايمىز، خەتەرلىك توسالغۇلاردىنمۇ قورقمايمىز. كەڭ ۋەكىللەرنىڭ «ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك»تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، «مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، كېچە - كۈندۈز ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش»تەك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پائال تەقدىم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ