تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش  «نامراتلىق يىلتىزى»نى ئۈزۈل - كېسىل يۇلۇپ تاشلاش

پۇل ياردەم بەرگەن، ماددىي ياردەم بەرگەندىن كۆرە، ياخشى ياچېيكا قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن ياخشى.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، جوۋ پېڭ، ئارمان رازاق، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە، جەزمەن بىر ياخشى بەنزە، ياخشى قوشۇن بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش باسقۇچىغا كىرگەندە، پەقەت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامراتلارنى يۆلەش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن «نامراتلىق يىلتىزى»نى ئۈزۈل - كېسىل يۇلۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە بىرىنچى سەپكە قاراش −

«پارتىيە قۇرۇلۇشى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ»

«كەنتىمىزدىكىلەر قانداق قىلغاندا بالدۇرراق <ساياھەت تامىقى> يېيەلەيدۇ، كۆپچىلىك ئىپادە بىلدۈرۈڭلار.» 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 30غا يېقىن پارتىيە ئەزاسى لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى قوچاقئېرىق كەنتىنىڭ يىغىن زالىدا ئولتۇرۇپ، «پارتىيە ئەزالىرى كېڭىشى» ئارقىلىق پۈتۈن كەنتنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىش تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

«پارتىيە قۇرۇلۇشى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش پەقەت نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولۇش - بولماسلىقى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى خەن جيەنپىڭ بۇ كەنتكە كېلىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى دەل جايىدا كۆرسىتىپ بەردى. ياچېيكا جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ «كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ نامرات، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك.» خەن جيەنپىڭ ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى بىرلىكتە قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ لاي ئەتتى، خىش توشۇدى... بىرنەچچە ئاي ئۈستبېشىنى توپا - چاڭ بېسىش بەدىلىگە كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى − يول ئىككى ئاپتوموبىل قاتارلىشىپ ماڭالىغۇدەك ئاشۇنداق كەڭ رېمونت قىلىندى، ئون كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈم بارىڭى ياسالدى، ئۆي، ھويلىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، قەلبىگە پۈكتى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەشكىلگە بولغان ئىشەنچى بىرمۇبىر ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنىڭ توپلىنىشىغا تايىنىدۇ» دېدى خەن جيەنپىڭ.

خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىغا ياردەملىشىپ قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تەجرىبىلەرنى تۈزۈمگە كىرگۈزدى. پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى ئەڭ تۆۋەن كىرىمگە ئىگە قىلغان ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى دەل كەنت پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى − «پارتىيە ئەزالىرى كېڭىشى»دە قارار قىلىنغان نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن ئىبارەت. ئادەم ئادەمگە ياردەم بېرىش، ئائىلە ئائىلىگە ياردەم بېرىش، ئون ئائىلە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، گۇرۇپپىلارنى ھۆددىگە ئېلىشتەك نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا كۆكتات تېرىقچىلىقى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلگىرى پۇل تاپقىلى بولمايدىغان ھويلا - ئارانلاردىن ھەر يىلدا ئاز بولمىغان كىرىم قىلالايدىغان بولدى. بۇ يىل بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كۆپ قېتىم «پارتىيە ئەزالىرى كېڭىشى» تەشكىللىدى، يېقىندا ئاخىر قارار چىقىرىلغان چوڭ ئىش «پارتىيە ياچېيكىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىش بولدى.

«چوڭ ئىشلارنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى كېڭىشىپ بېجىرىش، كىچىك ئىشلارنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە بېجىرىش، ھەربىر ئىشنىڭ ھەممىسىنى چىرايلىق بېجىرىش.» قوچاقئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكى بولسىلا، بۇ يىل چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا توختالدى −

«ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاچقۇچ»

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاچقۇچ.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئەكبەر مەتناسىر مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى بىلگەندىلا، ئاندىن نامرات ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قانداق بېيىتىشنى بىلگەندىلا، ئاندىن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنالايدۇ.

ئەكبەر مەتناسىر مۇنداق قارىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، كادىرلار ۋە نامرات ئامما ئارىسىدا بىر كۆۋرۈك سالدى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئەندىزىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە كۈچلۈك ياچېيكا قۇرۇش، ئاممىنى يېتەكلەش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندى.

«ئاساسىي قاتلام قورغىنىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز»

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جياڭ پىڭئەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قاتناشقاندا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە جەزمەن بىر ياخشى باشلامچىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى بايقىدى.

ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تايانچ كۈچلەرنى تاللاپ ئەۋەتىپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ساپاسى ياخشى، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئۇيغۇنلىشىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام قورغىنىنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن −

«كۆپرەك پۇل تېپىپ، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن»

4 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكى قوچاقئېرىق كەنتىدە ھاۋا ئانچە ئىسسىق ئەمەس ئىدى، نامرات ئاھالە تۇخان روزىتوختى ئۆيىنىڭ ھويلىسى پاكىز، ئازادە، يورۇق بولۇپ، تام تۈۋىدىكى ئېگىز - پەس گىرەلىشىپ كەتكەن جايغا گۈل تەشتەكلىرى قويۇلغانىدى، ئەتىرگۈل، قوناق گۈل، گۇيبېيجۇ قاتارلىقلار شامالدا يەلپۈنۈپ ئۆسۈۋاتقانىدى. كۆڭۈل قويۇپ يىغىشتۇرۇلغان ھويلا ھەر ۋاقىت ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىپ ئىستىراھەت قىلىپ ئارام ئېلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى.

«ھازىر، <پارتىيە ئەزالىرى كېڭىشى>دە قارار قىلىنغان ئىشلارغا قەتئىي پىكرىم يوق.» تۇخانمۇ پارتىيە ئەزاسى، بىراق ئىلگىرى ئۇنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كۆرۈنەرلىك ئەمەس ئىدى، بەزىدە يەنە زىتلىشىپ قېلىش كەيپىياتىدا بولاتتى، «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، بىزنى يېتەكلەپ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ياخشى ئىشلار بولدى».

بۇلتۇر، تۇخان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھويلا - ئارانىنى ئۆزگەرتتى، يېرىم مو كۆكتاتلىق ئىلگىرىكى ياۋا ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەن ھويلىنىڭ ئورنىنى ئالدى، ئۆيى پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتىلدى، يىللىق كىرىمى 6000 يۈەن بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، قوچاقئېرىق كەنتىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. پايدىسىنى كۆرگەن تۇخان قوشنىسى ئادىل ئاتاۋۇللانىڭ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشىغا ياردەملەشتى، 40 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق نامرات ئاھالە پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇش شەكلىدە پاي قوشۇپ پايدا ئايرىيدىغان بولۇپ، ھەربىر ئادەم يىلىغا كىرىمىنى 3000 يۈەن ئاشۇرالايدىغان بولدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇلدى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى، ئادىلغا ئوخشاش مۇشۇنداق پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن نەپ ئالغان نامرات ئاھالىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ يىل ئادىل پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلىيەلەيدىغان بۇ قوشۇنغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى