تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قەدىمى توختاپ قالماسلىق  تەپەككۇر قىلىش ئۈزۈلۈپ قالماسلىق

يىغىندىن ئىلگىرى مۇخبىرلار «بۇلۇتتا لاگېرنى زىيارەت قىلدى»، ۋەكىللەرنىڭ نېمىلەر بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپ باقايلى −

مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قەدىمى توختاپ قالماسلىق    تەپەككۇر قىلىش ئۈزۈلۈپ قالماسلىق

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ياۋ تۇڭ

خەلق رايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كاتتا يىغىنغا بارغىچە ۋەكىللەر نېمىلەر بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندۇ؟ 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، مۇخبىرلار «بۇلۇتتا لاگېرنى زىيارەت قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق سىنلىق ئالاقىلىشىش، تېلېفون قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ ياتىقىغا «كىرىپ»، ھەممە يەردە ئالدىراش سىيمالارنى بايقىدى. «بۇ يىل يىغىن كېچىكىپ ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىرادىمىزنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان ئىكەنمىز، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك» دېدى ۋەكىللەر.

«تەكلىپىمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۈچۈن، رەقەملەردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ سۆزلىشىم كېرەك»

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، مۇخبىرلار ۋەكىل مۇسا مەمەت بىلەن ئۈندىداردا سىنلىق تېلېفونلاشتى، يان تېلېفون ئېكرانى ئارقىلىق مۇخبىرلار مۇسا مەمەتنىڭ كىتاب ئۈستىلىگە ھەر خىل كىتاب، ھۆججەتلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى، يەنە بىر دەستە ئىش قەغىزى قويۇلۇپ، ئۈستىگە زىچ خەت يېزىلغانلىقىنى كۆردى.

مۇسا مەمەت شىنجاڭ شۆفېڭ پەن - تېخنىكا(گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش - قوغداش بۆلۈمى پىستان سېخىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. بۇ كۈنى ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ كۆردى، «بىر نەچچە سانلىق مەلۇماتنى يەنە ئېنىق دەلىللەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. تەكلىپىمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۈچۈن، رەقەملەردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ سۆزلىشىم كېرەك» دېدى ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن.

«سىز مېلامىننى بىلەمسىز؟» مۇخبىرلارنىڭ سوئال سورىشىنى كۈتمەيلا، مۇسا مەمەت ئالدى بىلەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇسا مەمەت مۇنداق دېدى: كۆپ قىسىم كىشىلەر مېلامىننى بىلىدۇ، ھەممىسى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسى ئېلىپ كەلگەن «يامان نام» سەۋەبىدىن بولغان، ئەمەلىيەتتە، مېلامىن ئورىيانى خام ئەشيا قىلىدىغان بىر خىل مۇھىم، نازۇك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتى بولۇپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ. بۇ يىل، ئۇ ئېلىپ كەلگەن تەكلىپتە دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىرىكتۈرۈش، كەسىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئۆلچەم تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنى قوللاپ، مېلامىن كەسپىنىڭ تېز، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مۇراجىئەت قىلىندى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئۇ تۇرۇشلۇق شۆفېڭ شىركىتى ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى ئارقىلىق شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى كونترول قىلدى، بۇ شىركەت شاياردا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىپ مېلامىن ئىشلەپچىقىرىدىغان كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ كارخانا. كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مۇسا مەمەت دۆلەت ئىچىدىكى مېلامىن كەسپىنىڭ بىرقەدەر تارقاق ئىكەنلىكىنى، ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارنىڭ تېخى تولۇق ئېچىلمىغانلىقىنى بايقىدى. «بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولغىلى، تەبىئىي گاز بايلىقىنى تېخىمۇ كۆپ <ھەقىقىي ئالتۇن - كۈمۈش>كە ئايلاندۇرغىلى ھەم تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ». ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىرنەچچە كۈندە ئۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى باشقا ۋەكىللەر ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراپ، تەكلىپىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بولۇۋېتىپتۇ، «مەن يەنە كۆپچىلىككە كۆپرەك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى قىلىپ، كۆپچىلىككە بۇ كەسىپنى كۆپرەك چۈشەندۈرىمەن».

پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ۋە سالماققا ئىگە قىلىش

مۇخبىرلار ۋەكىل شۈ تاۋنىڭ ياتىقىغا تېلېفون قىلغاندا، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغاندەك قىلاتتى، «بايا مەن تېخى بىزنىڭ لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى پىدائىيلار بىلەن تېلېفوندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن يەنە تولۇقلاشقا بولىدىغان قانداق ياخشى ئويلىرى بارلىقىنى سورىغانىدىم. كۆپچىلىك بىرلىكتە چارە تاپساق، ئامال تاپساق، بۇ تەكلىپنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ».

شۈ تاۋ قۇتۇبى ناھىيەسى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شۈ تاۋنىڭ چاقىرىقى بىلەن، 36 ئەر - ئايال تاكسى شوپۇرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن ۋاز كېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلاندى. شۈ تاۋ يەنە مەھەللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە تىزىملىتىپ قاتنىشىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلارنى داۋالىنىشقا ئاپىرىپ ئەكېلىش، ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىۋېلىش، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش، توك ھەققى، سۇ ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش قاتارلىقلارنى قىلدى. «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇمۇ مېنى قانداق قىلغاندا پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشقان، تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا قارىتا يېڭى ئويغا ئىگە قىلدى» دېدى ئۇ.

شۈ تاۋنىڭ ئېيتىشىچە، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. «بۇ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ئاشكارا، تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ كەسپىي قىلىدۇ، شۇنداقلا ياردەمگە ئېھتىياجلىقلار بىلەن پىدائىيلار ئارىسىدىكى تەمىنلەش - ئېھتىياج ئۇچۇرىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شۈ تاۋ ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى مۇداپىئە بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەندى، بۇ ئۇنى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە تەرتىپلىك ۋە رەتلىك قىلغۇزدى، ئۆزىمۇ تېخىمۇ ياخشى قوغدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە قەرەللىك تەربىيەلەش، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، نۇرغۇن پىدائىيمۇ ماڭا بۇ خىل كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى» دېدى ئۇ.

پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا، تېخىمۇ سالماققا ئىگە قىلىش، بۇ، شۈ تاۋنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى.

«مېنىڭ قومۇلنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىم تولۇپ تاشتى»

«مەن ھازىر تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، تېزلا سىزگە جاۋابىنى بېرىمەن.» «سىلەرنىڭ زىيارەت تېزىسىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، بۇ يىل يۈز كۆرۈشەلمەيدىغان بولدۇق، بىراق سىنلىق ئالاقىلەشسەك بولىدۇ...» 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتە، مۇخبىرلار ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل بىلەن سىنلىق ئالاقىلىشىپ زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ياتىقىدىكى مۇقىم تېلېفون توختىماي جىرىڭلىدى، ھەممىسى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن كەلگەن تېلېفونلار ئىدى. «بۇ كۆپچىلىكنىڭ قومۇلنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

زۇمرەت ئوبۇل قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى. بۇلتۇر، ئۇ «قومۇلنىڭ شىمالىدا ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» «جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى چوڭ يول(چاقىلىقتىن قومۇلغىچە) ياساشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» قاتارلىق ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھەربىرىدە قومۇلنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھالقىلار بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىلگەنىدى.

زۇمرەت ئوبۇلنى خۇشال قىلغىنى، تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكى بولدى. نۆۋەتتە، قومۇلنىڭ شىمالىدىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا، يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللاندى، سۇ بىلەن تەمىنلەش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق دوكلاتلارمۇ يوللاندى. «تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى بىرقەدەر تېز بولۇۋاتىدۇ، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، قومۇلنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىم تولۇپ تاشتى» دېدى ئۇ.

زۇمرەت ئوبۇلنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئۇ «شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئېلىپ كەپتۇ. «قومۇلنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش قەدىمى بارغانسېرى زور ئېلىنىپ، قومۇلدىن ئىبارەت بۇ <گۆھەر ئويمانلىق>نى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى موتورغا ئايلاندۇرىدۇ» دېدى ئۇ تولۇپ تاشقان ئارزۇ - ئىستەك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى