تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش  ئىدىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش، يۆلەشنى توختىتىپ قويماسلىق

نامراتلارنى يۆلەشتە ئاۋۋال ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئىدىيە جەھەتتىن «نامراتلىق ئېڭى»نى سۇسلاشتۇرۇش كېرەك. ھە دېسىلا نامراتلىقنى تىلغا ئېلىۋەرمەسلىك، ھەممىلا جايدا نامرات دەۋەرمەسلىك كېرەك.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ئۆتكۈر نىجات، سۈن يۈن، لۈ يىخەن

نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاكتىپ روھىي ھالەتنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشنىڭ ھەرقانداق چاغدا ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، بۇنى ھەرقانداق چاغدا بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇساپىسىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە بىرىنچى سەپكە قاراش −

«ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»

«گەرچە ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى بار نامرات ئاممىنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن، ئىدىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش - يۆلەشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ» «ھەر خىل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك» «قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، كىرىمگە ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىدىيەگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك»... 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى تۆۋەن يارباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ياڭ مىڭ ئەتىگەنلىك خىزمەت يىغىنىدا كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

تۆۋەن يارباغ كەنتى ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشتە تەبىئىي ئەۋزەللىكى بار، لېكىن ئىلگىرى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسى ئېغىر ئىدى، ھەتتا بەزىلىرى تۆۋەن كاپالەت ئېلىشنى شەرەپ دەپ بىلەتتى. «جەزمەن كەنت ئاھالىلىرىنى ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.» 2017 - يىلى كەنتكە كېلىپ، چوڭقۇر زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ياڭ مىڭ «ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش»نى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى قىلىپ، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشنى قارار قىلدى.

«بىرگە بىر» سىڭىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا بەردى؛ «بىرىنى بىرى يېتەكلەش»نى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى بېيىش ماھىرلىرى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى رىغبەتلەندۈردى؛ «بىرگە بىر ياردەم بېرىش» مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يۆلەش پىلانىنى ماس كەلتۈرۈپ تۈزدى... تۆۋەن يارباغ كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كىرىمنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلدى. قانداقلا بولمىسۇن، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.

يەرنى ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كەنت باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇت قۇرۇلدى، 1000 مولۇق مېۋىلىك باغ ۋە خاس كۆكتات پارنىكى ھاياتىي كۈچكە تولدى. دېھقانلار بىر تەرەپتىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن يىل ئاخىرىدا تەقسىملەنگەن پايدىنى ئېلىپ، ئىككى ئۈلۈش كىرىم قىلىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى. تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، پۈتۈن كەنت بويىچە يەنە 100دىن ئارتۇق ئادەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كىرىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ مۇقىم بولدى.

ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈستىدە توختالدى −

«ئادەم نامرات بولسىمۇ ئىرادىسىنى يوقاتسا بولمايدۇ»

«ئادەم نامرات بولسىمۇ ئىرادىسىنى يوقاتسا بولمايدۇ، نامراتلارنى يۆلەشتە جەزمەن ئاۋۋال ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشتىكى ئىرادە، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەقىل - پاراسەتنىڭ ھەممىسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق دېدى: «تايىنىۋېلىش ئىدىيەسىدە بولساق بولمايدۇ، سىز ئىشلىمىسىڭىز، مەن ئىشلىمىسەم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشلىمەيدۇ».

رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزىلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپلىك دەيدىغان كەيپىيات شەكىللەندى، بۇ خىل غەيرەتنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم بىلەن «ھۇرۇن»لارنى چەكلەپ، نامرات ئاممىنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلغانلار قاتارىغا قوشۇلۇشقا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.

«ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»

«ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش سۇبيېكتىپ ئاڭنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، ئىككىسىدىن بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دېڭ خۇڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشتا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ياردەم بېرىش - يۆلەش پىلانى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرغاندا، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ، نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش ئارىسىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر».

«مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تۈزۈپ، كۆپچىلىكنى ھەم ماھارەتنى قىزىقىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىدىغان، ھەم كەسىپ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدىغان قىلىپ، قوش لىنىيە بويىچە تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك» دېدى دېڭ خۇڭ.

مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن −

«بەزى ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى»

تۆۋەن يارباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۆرنىسا ئىلياس بۇلتۇر تۇنجى قېتىم كەنت قۇرغان زاۋۇتقا كىرگەندە، ئالدىراشچىلىققا تولغان سېخ ئۇنى سەل جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ ئالدىراش بولۇپ باقمىغانىدى. بىر مو بۇغدايلىق ۋە تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، يىل بويى كۈنلىرى غورىگىل ئۆتسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭدىن ھېچقانداق بىنورماللىق ھېس قىلمايتتى. «ئىلگىرىكىلەرمۇ مۇشۇنداق ياشاپ كەپتىكەنغۇ!» ئۇ ئىلگىرى ھەمىشە مۇشۇنداق دەيتتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھۆرنىسا كەنتتە ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدى. ئېتىزلار رەتلىك، پاكىز بولدى، زىرائەتلەرنىڭ ئورنىنى ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى مېۋىلىك دەرەخ، كۆكتاتلار ئالدى، كەنتتە يەنە زاۋۇت قۇرۇلدى. بۇ مەزگىلدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر ئۇنى زاۋۇتتا ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىشقا كۆپ قېتىم رىغبەتلەندۈردى.

ئارقا - ئارقىدىن ئىشىكى ئالدىغىچە بېرىپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا، «ئەمگەك ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى تېپىش» دېگەن بۇ سۆز ھۆرنىسانى تەسىرلەندۈردى. ئۇ ئىلگىرىكى كۈنلەرنى ئېسىگە ئالدى، ئۆيىدىكى ئاشلىقنى يەپ بولغاندىن كېيىن قوشنىلاردىن قەرز ئالغان چاغدا خىجىل بولغان، ھېيت - بايراملاردا چىرايلىق كىيىم - كېچەك كىيەلمەي كۆڭلى يېرىم بولغان، بازار ئايلانغاندا پەقەت قىزىپ كەتكەن بازارنىلا كۆرۈپ، نائىلاج قۇرۇق قول قايتقان... «بەزى ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى» ھۆرنىسا بىر قارارغا كەلدى.

ئىككى ئاي پىراكتىكا قىلغاندىن كېيىن، ھۆرنىسا كەنت قۇرغان زاۋۇتنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولۇپ، ئايدا مۇقىم مائاش ئالىدىغان بولدى. يانچۇقىغا پۇل كىرىپ ئىشەنچىسى ئاشتى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىۋاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى.

«ئەمگەك ئارقىلىق ئېرىشكەندىلا، كۆڭۈل ئەڭ خاتىرجەم بولىدىكەن، ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدىكەن. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.» يېڭى، چىرايلىق كۆڭلەك كىيگەن ھۆرنىسا بۇ سۆزنى قىلغاندا كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى