تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىش كېرەك

ۋەكىل شۈ تاۋ:

پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قۇتۇبى ناھىيەسى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ تاۋ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تەييارلاپ بولدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شۈ تاۋنىڭ چاقىرىقى بىلەن، 36 نەپەر ئەر تاكسى شوپۇرى، ئايال تاكسى شوپۇرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن ۋاز كېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلاندى. شۈ تاۋ مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە تىزىملىتىپ قاتنىشىپ، داۋالانماقچى بولغان ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلارنى پىدائىيلىق بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپاردى - ئەكەلدى، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ خىزمەتكە بېرىپ - كېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، كۆكتات سېتىۋېلىش، دورا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ياردەملەشتى، توك - سۇ ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بەردى، ماددىي ئەشيالارنى توشۇدى...

«مەن بىر ۋىجدانلىق، ئىللىق، ھېسسىياتلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ، مېھىر - مۇھەببىتىم بىلەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئىللىق <يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېمى>نى قۇرۇپ چىقىمەن» دېدى شۈ تاۋ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، شۈ تاۋ خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، ئىزچىل ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

بۇلتۇر، شۈ تاۋ لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى باشلاپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىنى كۈتۈنۈش ئىشلىرىغا قاراتتى. ئۇلار ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ خىزمەتچى خادىملار، ياشانغانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى: ياشانغانلارنىڭ يەنە قانداق قىيىنچىلىقلىرى بار؟ كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە قانداق يۆلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك جايلار بار؟...

شۈ تاۋنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى. «ھەرقايسى ساھەلەردە تىنىم تاپماي ئىشلەۋاتقان پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۇسۇلى بىلەن <يۇقۇم>غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە ئاتلىنىپ، ئۇچۇر تىزىملىدى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، تەرتىپنى ساقلىدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق <ئۆزىنى بېغىشلاش، دوستانە بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىلگىرىلەش>تەك پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى شەرھلەپ، مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.» شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: «قۇتۇبى ناھىيەسى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئېلىپ ئېيتسام، بىز پىدائىي شوپۇر قوبۇل قىلىش خەۋىرىنى تارقىتىشىمىزغىلا، 60قا يېقىن تاكسى شوپۇرى بەس - بەستە تىزىمغا ئالدۇردى».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە بەلگىلىك كەسپىي بىلىملەرنى ھازىرلاش زۆرۈر. شۈ تاۋ ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەندى، ئۆگەنگەن بىلىملىرى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم ماسكا ئالماشتۇرۇش، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم قول يۇيۇش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە قانچىلىك ئارىلىق ساقلاش قاتارلىقلارغىچە كونكرېتلاشقان بولۇپ، ھەممىسى كېيىنكى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە ئەسقاتتى. «ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك» دېدى شۈ تاۋ.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە كۆرۈلگەن يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى خۇلاسىلەپ چىقىپ ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئېلىپ بېرىش زۆرۈر.» شۈ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە داۋاملىق ئاتلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى