تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: «بىز ئوتتۇرىغا قويغان يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەر ھازىرقى سىياسەتلەردە گەۋدىلەندى» دېدى ۋەكىل نىياز ھاشىم. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا نىياز ھاشىم قاتارلىق توققۇز نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش چارىسىنى چىقىرىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، لېكىن يول مېڭىش قىيىن بولۇش، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، مۇھىت پاسكىنا بولۇش، كەنت قىياپىتى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك ئىلتىماس - تەلىپىگە ئايلاندى.

«خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنت قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، يېزا ئەخلەتلىرى، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى، ھاجەتخانا گەندە - يۇندىلىرىنى تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىر قىسىم يېزا - كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول قۇرۇلۇشى ئارقىدا قېلىش ئەھۋالىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك.» نىياز ھاشىم مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى باشلامچى بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش چارىسىنى تېزدىن ئېلان قىلىپ، كەنت قىياپىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئەخلىتى، پاسكىنا سۇنى تۈزەش قاتارلىقلارنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى جاۋابىدا مۇنداق بىلدۈردى: 2019 - يىلى 3 - ئايدا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، 4 - ئايدا، مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «يېزا <ھاجەتخانا ئىنقىلابى>نى پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىشتا مالىيەدىن مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەش يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتى بار بولغان يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، ھاجەتخانا گەندە - يۇندىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، گوۋۇيۈەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتە نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان 19 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى مۇكاپاتلىدى، بۇ، ئاساسلىقى يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىش، كەنت قىياپىتىنى تۈزەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىلدى.

كېيىنكى قەدەمدە، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى يېزىلارنىڭ ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىشتا مۇكاپاتلاش - ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت نىشانىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى