تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا كۈچىمىز بار، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا ئىشەنچىمىز بار

5-ئاينىڭ 4-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى يېڭى ئارپا كەنتىدىكى كەنت باشقۇرغان زاۋۇتتا ياغلىق تىكمەكتە. بۇ كەنت باشقۇرغان زاۋۇت 106 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى بىر يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا ياڭاق مېغىزىنى ئايرىماقتا. بۇ شىركەت ناھىيە بويىچە 20 پىششىقلاپ ئىشلەش سېخى قۇرۇپ، يېزىلاردىكى 2000 دىن ئارتۇق ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار كېرىيە ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە قىزىلگۈل جەۋھىرى مېيى ئىشلەپچىقارماقتا. قىزىلگۈل كەسپى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 13-كۈنى، كەنت ئاھالىسى سارىگۈل ئۆمەر يېڭىسار ناھىيەسى ئوچار بازىرى تۆۋەن يارباغ كەنتىدىكى كەنت باشقۇرغان ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتىدا ئىشلىمەكتە. بۇ ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى 28 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

4-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى لوپ ناھىيەسى بەشتوغراق يېزىسى چاۋياڭ كەنتىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىدا سەيلە قىلماقتا. بۇ ئولتۇراق رايون سەككىز يېزا-بازاردىن كۆچۈپ چىققان 578 نامرات كەنت ئاھالىسىنى ئولتۇراقلاشتۇردى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى چىرا ناھىيەسى شىنجاڭ قۇملۇق يىپەك يولى خۇڭلىن مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدا ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، بۇ يىل چىلاننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 25-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى ئۇششاقباش بازىرى يار بېشى كەنتىدە، شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ (ئوتتۇرىدا) كەنت ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلماقتا. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى

5-ئاينىڭ 11-كۈنى كەنت ئاھالىسى بۇلچىخان سىدىق (سولدا) پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى چاقا كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا رەخت توقۇماقتا. بۇ نامراتلارنى يۆلەش سېخى شۇ جايدىكى 150 دىن ئارتۇق ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىشچىلار گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسى توغراقتار كەنتىدىكى شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۇەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى غاز كەسپى بازىسى تۇخۇم بېسىش سېخىدا خىزمەت قىلماقتا. بۇ بازىدا يىلىغا 7 مىليوندىن ئارتۇق غاز چۈجىسى بېقىلىدۇ. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، كوپراتىپ ئەزالىرى قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى قۇمبويى كەنتىدىكى شېڭشى قۇم قولۋاق باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تۆگە باقماقتا. 2019-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قۇمبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس مەبلەغدىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

4-ئاينىڭ 19-كۈنى يەكەن ناھىيەسى ئودانلىق يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى تېخنىك خادىملار باقمىچىلارغا باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگەتمەكتە. بۇ كوپىراتىپ ئەتراپتىكى 262 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى