تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى.

«بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۆزگىچە تارىخىي بۇرچ يۈكلەنگەن بولۇپ، ئالاھىدە دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە.» ئەزا گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ياخشى ئادا قىلىپ، يىغىننى ياخشى ئاچىمىز».

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزا جياڭ پىڭئەن 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. «مەن بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىشقا دائىر تەكلىپنى، ھەمدە شىنجاڭدىن چىقىدىغان سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم» دېدى ئەزا جياڭ پىڭئەن.

مۇخبىرلار تېلېفوندا زىيارەت قىلغاندا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن يىغىننىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئەستايىدىل قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پائال ياخشى ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشتە كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سەمىمىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، تىرىشىپ ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىش جەھەتتە خەلق رازى بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى