تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تاغدىن كۆچۈپ چىقىپ ئاسمان - زېمىن يېڭىلاندى

قاپقا كەنتى:

تاغدىن كۆچۈپ چىقىپ ئاسمان - زېمىن يېڭىلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ئۆتكۈر نىجات، سۈن يۈن، لۈ يىخەن

[ئاخبارات سىزمىسى] 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيە بازىرىدىكى سىلۇ جيايۈەنگە كۆچۈپ كەلگەن قىزىلتو يېزىسىنىڭ قاپقا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بۇسەلىمە ھاجى شۇ كۈنلۈك تىجارىتىگە تەييارلىق قىلماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپرى سىزغان)

كونىلاردا شۇ يەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى شۇ يەردىكىلەرنى باقىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ھالبۇكى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىلتو يېزىسى قاپقا كەنتىدىكى «سۇ، تۇپراق» ئاللىقاچان تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتكە ئايلىنىپ قالغانىدى. تاغ ئېگىز ھەم تىك، مۇھىتى ناچار بولغاچقا، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا قاتمۇقات قىيىنچىلىق بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت نامراتلىق ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى.

نامراتلىق جانغا پاتقاندا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇقەررەر يولى بولۇپ قالدى. يەر ئالماشتى، قاپقا كەنتى يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى.

يېڭى ماكان، يېڭى ئۈمىد

قاپقا كەنتى ناھىيە بازىرىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتا، يولنى ھەر يىلى ياسىسا ھەر يىلى كەلكۈن ئېلىپ كېتىپ بۇزۇۋېتىدۇ، ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، مېڭىش قىيىن.

كىشىلەر توك يوق، سۇ كەمچىل تاش ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، كالا تېزىكى قالاپ ئىسسىناتتى، ئېشەك، ئاتقا تايىنىپ يول يۈرەتتى.

ھاياتىنىڭ ئالدىنقى 40 يىلىدا، سىدىق ساتىۋالدى بىر ئائىلىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۇسۇلى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان چارۋىچىلىق نۇقتىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىش بولۇپ، تۇرمۇشى جاپالىق، كىرىمى ئاز ئىدى. تۇرمۇش مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ دەپ قارايتتى. بىر كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتلاقچىلىق خىزمەت پونكىتىدىن قاپقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى سادىق يولداش ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ناھايىتى تېزلا بۇ يەردىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، يېڭى جايغا كۆچۈپ بارىسىلەر.

سىدىقنىڭ تەبىئىي ئىنكاسى قارشىلىشىش بولدى: «بۇ، مەن ئۇزاق يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن جاي، ھەر كۈنى قوي، كالىلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئەمىن تاپىدۇ. كۆچۈپ نەگە بارىمىز؟» «كالا، قويلارنى باقىدىغان ئادەم بار، مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلىشىسىلەر، تۇرالغۇڭلار ھازىرقىدىن ياخشى بولىدۇ، تاپىدىغىنىڭلارمۇ ھازىرقىدىن كۆپ بولىدۇ، يەنە كۆچمەمسىلەر؟» دېدى سادىق.

سىدىق يەنىلا ئانچە قىزىقمىدى.

سىدىققا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈن، سادىق ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىش قارارىغا كەلدى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى سىلۇ جيايۈەنگە كەلگەندە، سىدىق ئىختىيارسىز ھاڭ - تاڭ قالدى − يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆيلەر قاتار - قاتار بولۇپ، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، دوختۇرخانا، دۇكان، مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر تولۇق ئىدى، پۈتۈنلەي شەھەرلىكلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىدى.

«80 كىۋادرات مېتىرلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىگە سۇ، توك، پار تولۇق سەپلەنگەن، چۈشۈڭ، تاغدا يەنە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋەرمەي، يېڭى تۇرمۇشتىن ئوبدان بەھرىلىنىڭ.» كۆز ئالدىدىكى ھەممىگە سادىقنىڭ سۆزلىرى قوشۇلۇپ، سىدىققا ئۇنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىش تەس بولغان روھىي ھالەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پۇرسىتى ئىچىدىن بىرىنى تاللاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، سىدىق بىر ئائىلە كىشىلىرى لىق ئۆي سايمانلىرى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئۆيىدىن ئايرىلدى. ئۇ يول بويى توختىماي كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. بۇنىڭ ئىچىدە قىيماسلىق بار، لېكىن تېخىمۇ كۆپ بولغىنى يېڭى تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىد ئىدى.

قاپقا كەنتىدە يەنە 281 كىشى سىدىققا ئوخشاش تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ تاغ ئىچكىرىسىدىن چىقىپ، سىلۇ جيايۈەن ۋە كوئېنلۇن جيايۈەندىن ئىبارەت ئىككى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىدا ئولتۇراقلىشىپ، تولۇپ - تاشقان ئۈمىد بىلەن يېڭى تۇرمۇشنى باشلىدى.

يېڭى ئىدىيە، يېڭى تۇرمۇش

نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغان بولۇش كۆچۈپ چىقىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇشتىكى تىرەك. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كۆچۈرۈلگەنلەرگە بولغان ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەربىر ئائىلىدە بىردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كۆپ يىللىق كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كالا، قويلىرىنى قويۇپ قويۇشقا ئامالسىز قالدۇردى. شۇڭا، قاپقا كەنتى 14 بىرلەشمە چارۋىچىلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، چەكلىك چارۋىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشكەن باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، 540 كەنت ئاھالىسىنى نەپكە ئېرىشتۈردى. چارۋىچىلىقتىن بوشانغان ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىمۇ خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى ياكى ئۆز جايىدا «كەسىپ ئالماشتۇردى».

«بىز مەركەزلىك تەربىيەلەش، بېيىش باشلامچىلىرىنى تىكلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، <مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر>نى <مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن>گە ئۆزگەرتىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش يولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرىمىز» دېدى سادىق.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سىدىق يېڭى تۇرمۇش شەكلىگە ئۈزلۈكسىز ماسلاشتى. مەسىلەن، يورۇتۇش شام يېقىشتىن تېگىشمە ئېلېكتىرىك كەيگۈەنگە ئۆزگىرىپ، ئەسلىدىكى قامچا تۇتىدىغان قوللاردا ھازىر ئەتۋىركە، ئۈشكە تۇرىدىغان بولدى... بىر ئائىلە كىشىلىرى تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، سىدىق ئۆيىدىكى قويلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشمە چارۋىچىلىق گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ھېچنېمىدىن غەم يېمەي، يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىماتىنى ساقلاپ ئولتۇرسىلا بولىدىغان بولدى.

قوي - كالا ئارىسىدىن ئازاد بولغان سىدىق بۇنىڭلىق بىلەن بىكار يۈرمىدى. «تاغدىن كۆچۈپ چۈشۈپ، يېڭى ئۆيگە كەلدۇق، بىزنىڭ ئىدىيەمىز ۋە نەزەر دائىرىمىز ئېچىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشقاندىلا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغىلى، ياخشى كۈن كەچۈرگىلى بولىدىكەن».

ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىدىق سىلۇ جيايۈەن مەھەللىسى تەشكىللىگەن كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ئۆي بېزەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى ھەم ناھىيە بازىرىدىكى بىر بېزەكچىلىك شىركىتىدە ئىشلىدى، ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن كۆپرەك بولدى.

«ئەگەر باشقا جايغا كۆچمىگەن بولساق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنىلا تاغدا <چۆرگىلەپ> يۈرگەن بولاتتۇق.» سىدىق قىزىقچىلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كىرىمى بار، خوتۇنۇم ئاشخانىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، بالام ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولدى، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزدا چاتاق يوق. يەنە بىر مەزگىل ئۆتسە، مەن تېخى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ قالىمەنمۇ تېخى!»

ھازىر قاپقا كەنتى كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق 93 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، 105 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

يېڭى كەسىپ، يېڭى تاماق قاچىسى

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىش باشلاشقا يەنە يېرىم سائەت ۋاقىت قالغان بولۇپ، ئاقىلئاي مۇرات سىلۇ جيايۈەن يېنىغا جايلاشقان ئاقتۇ جۇڭيىنتۇڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىگە كېلىپ ئىشقا چۈشتى.

بۇ، ئۇنىڭ تەربىيەلەشنى تۈگەتكەندىن كېيىن رەسمىي ئىش ئورنىغا چىققان تۇنجى كۈنى ئىدى. ھاياجانلانغانلىقتىن ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىدى.

سىلۇ جيايۈەنگە كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان، ئاقىلئاي يۇرتداشلارنىڭ بىر - بىرلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ تېخىچە بىكار يۈرۈۋاتقانلىقىدىن كۆڭلى ئىنتايىن تىت - تىت بولدى. ئۇ سادىقنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. «كەنت يېڭى كەسىپلەرنى كىرگۈزۈۋاتىدۇ، ئالدىرىماي تۇرۇڭ، ئاز قالدى» دېدى سادىق ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.

بۇلتۇر 9 - ئايدا، ئاقتۇ جۇڭيىنتۇڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى زاۋۇتنى سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونى ئەتراپىغا قۇرۇپ، سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 130دىن ئارتۇق ئاھالىنى زاۋۇتقا كىرىشكە جەلپ قىلدى. ئەپسۇس، ئاقىلئاينىڭ ئۆيىدە ئىشى چىقىپ قېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە زاۋۇتقا كىرىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ھەم زاۋۇتتا ئىش توختاشقا ئۈلگۈرۈپ قالدى. «زاۋۇت باشلىقى، ماڭا ئاۋۋال بىر يۈرۈش زاپچاس بەرگەن بولسىڭىز، مەن ئۆيگە ئاپىرىپ قانداق قۇراشتۇرۇشنى ئۆگىنىپ تۇرسام بولارمۇ؟» «چاتاق يوق، قانداق ئىش بولسا تېلېفوندا ئالاقىلىشايلى.» زاۋۇت باشلىقى شيې سۇڭدې زاۋۇتقا تەربىيەلىنىشكە كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بۇ قىزنى ئېسىدە تۇتۇۋالدى.

كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئاقىلئاي ئاخىرى ئارزۇسى بويىچە زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىدى. بىر يۈرۈش زاپچاسلارنى قۇراشتۇرغاندىكى سۈرئىتى مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭكىگە يېتىشىۋالاي دەپ قالغانىدى، شيې سۇڭدې بۇنىڭغا قاراپ خېلى كۈچ سەرپ قىپتۇ دەپ قارىدى، مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاقىلئاينىڭ ئىشچىلىققا رەسمىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىر ئايلىق كىرىمىنىڭ 2000 يۈەن بولۇشىدا گەپ يوق ئىدى.

«كېيىنكى قەدەمدە شىركەت يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، سىلۇ جيايۈەن ھەم ئەتراپتىكى 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى شيې سۇڭدې.

«باشقا جايغا كۆچۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى كەسىپلەرنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن خادىملار قىلىدىغانغا ئىش بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.» سادىق مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، بىز 3 - كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تاللا بازىرى، ئاشخانا، مېۋە - كۆكتات دۇكىنى، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ ياساش دۇكىنى تىجارىتى قىلىشقا ياكى بازارغا بېرىپ ئۇششاق تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەپ، يامان ئەمەس نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق».

قاپقا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى بۇسەلىمە ھاجىنىڭ ئوخشىغان لەڭمىنىنى بۈگۈنكى كۈندە ئولتۇراق رايوندىكى ھەممەيلەن بىلىپ كەتتى. نامرات ئائىلىلەرگە قارىتىلغان قوللاش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، ئۇ بىر كىۋادرات مېتىرى سەككىز يۈەن باھادا بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، مەخسۇس لەڭمەن ئېتىپ ساتتى. تىجارىتى ياخشى بولغان چاغلاردا بىر كۈندە ئون خالتا ئۇنمۇ يەتمىدى!

«ئىلگىرى ئاشخانا ئېچىش ئويۇم بولسىمۇ، بىراق شارائىت يوق ئىدى. ھازىر ياخشى بولدى، نامرات جايدىن كۆچۈپ چىقتۇق، يەنە ياخشى سىياسەتنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدۇق، ئەمدىلىكتە ئۆزىمىزنىڭ ئىش قىلىش ئىرادىمىزنىڭ بار - يوقلۇقىغا باغلىق بولۇپ قالدى.» بۇسەلىمە مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە كۆڭۈل بولدى، ياردەم بەردى، بىزنى شارائىتى مۇشۇنداق ياخشى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈرۈپ قويدى. بۇنى ئىلگىرى چۈشىمىزدىمۇ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايتتۇق، بىز ئۆزىمىزمۇ غەيرەتكە كېلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى