خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەرنىڭ سىيماسى سانسىزلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدىكى ئاشۇ ئاددىي ھەم ئۇلۇغ سىيمالارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش پۈتۈن جەمئىيەتتە ئادەتكە ئايلاندى. ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلانغان بۇ يورۇقلۇق ئەلچىلىرى، ئۈمىد ئەلچىلىرىنىڭ جىسمىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋىرۇس ئالدىدىكى جەسۇرلۇقى ئەكس ئەتمەكتە، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى باتۇر، كەسكىن مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان بولماقتا.
بۇ، بىر مەيدان ئىس - تۈتەكنى كۆرگىلى بولمايدىغان، ئەمما قۇربان بولۇش كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان خەلق ئۇرۇشى، بۇ، بىر مەيدان توپ - زەمبىرەكلەرنىڭ ئېتىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان، ئەمما ئاتاكىغا ئۆتۈش ساداسىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان قەيسەرلىك بىلەن توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى. دېڭىز بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن ياشانغانلار، بالىلارغىچە، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن جۇڭگو زېمىنىدا يېڭى پولات سېپىل قۇرۇپ، يۇقۇمغا قارشى تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان جاسارەت بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك دەۋر سەھىپىسىنى پۈتتى. «مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.
ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىلا، مىسلىسىز جاپالىق دېگەن بۇ تۆت خەتنىڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چاغان ئەسلىدە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلەرنى يوقلايدىغان، ساياھەت قىلىدىغان، سەپەرگە چىقىدىغان گۈزەل بايرام ئىدى، چاغاننىڭ مەنىسىنى جۇڭگولۇقلاردىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدىغان كىشىلەر يوق، لېكىن كىشىلەر ماسكا تاقاش تىلغا ئېلىنغاندا ئىككىلەنمەيلا ماسكا تاقىدى، ئۆيدىن چىقماسلىق تىلغا ئېلىنغاندا ئىككىلەنمەيلا ئۆيىدە ئولتۇردى. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە بولغان 76 كېچە - كۈندۈزدە، ۋۇخەن خەلقى تۈرلۈك تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇر، كەسكىن بولۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىگە ئاتلاندى. مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋۇخەن شەھىرى جىنيىنتەن دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ دىڭيۈ مۇنداق دېدى: «مەن جەزمەن تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈشۈم كېرەك، شۇندىلا ۋىرۇسنىڭ چاڭگىلىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنى قۇتۇلدۇرالايمەن.» «95 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» سېسترا لى خۇي ھايات - ماماتىغا قارىماي: «ئەگەر بەختسىزلىككە ئۇچرىسام، جەسىتىمنى ۋىرۇسنى تەتقىق قىلىپ يېڭىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىمەن» دېدى. «پولات شۇجى» ۋاڭ چيۇڭ پولات تاختا سېلىنىپ ئۈچ تال پولات مىخ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان ئوڭ پۇتىنى سۆرەپ يۈرۈپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، كەچ كىرگۈچە ئۇنىڭ پۇتى تىزىدىن ئوشۇقىغىچە ئىششىپ كېتەتتى. خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق ئالدىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتتى، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر كېچە - كۈندۈزلەپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى، مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرى خەۋپ - خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى، تىرانسپورت خادىملىرى كېچە - كۈندۈز يول يۈردى، تاماق توشۇغۇچىلار تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ يۈردى، پىدائىيلار چامىنىڭ يېتىشىچە تىرىشتى... ھېچكىم چەتتە قاراپ تۇرمىدى، بارلىق كىشىلەر كۈچىنى ئايىمىدى، پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلىدى، بەزىلەر ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. بىز 4600دىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىنى، بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋۇخەندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق يازدى: يۇقۇم «بىزگە جۇڭگولۇقلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرىپىنى، جۈملىدىن، سىلەرنىڭ چىداملىق، مېھىر - شەپقەتلىك ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان روھىڭلارنى نامايان قىلىپ بەردى». «رەھمەت سىزگە، ھەربىر ئاددىي جۇڭگولۇق»، بۇ، دۇنيا كىشىلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن چىققان يۈرەك ساداسى.
خۇددى ماركس ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك، ئەگەر كۈرەش ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى شارائىتىدا ئاندىن باشلىنىپ ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنداقتا دۇنيا تارىخىنى يارىتىش ناھايىتى ئاسانغا توختىغان بولاتتى. نامەلۇم ۋىرۇس ئىنسانىيەتكە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندا، جۇڭگو خەلقى ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە بىزنىڭ ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ ئىنتايىن تەس بولىدىغانلىقىدىن، دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. لېكىن پەقەت جاپا - مۇشەققەتتكە دۇچ كەلگەندە، باتۇرلۇق - قەيسەرلىك ئاندىن تېخىمۇ نامايان بولىدۇ؛ پەقەت چىن نىيەت بىلەن قىلىنغان ئىش ئاندىن تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ بۇ ھىيلىگەر «كۈشەندىسى» ئالدىدا، تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن زور بولغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەرقايسى سەپتىكىلەر بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توستى، ئىككى ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا يەرلىكتە كۈنىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالىنى بىر خانىلىق سان ئىچىدە تىزگىنلىدى، ئۈچ ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى!» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق تەرىپلىدى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشتا «قالتىس» تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
پۈتۈن يەر شارى بويىچە 23 ئىقتىسادىي گەۋدىدىكى 12 مىڭ 500 ئامما ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك توردا تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان، %85 جۇڭگولۇق زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگو يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىدۇ دەپ قارىغان. بۇ مەيدان مىسلىسىز جاپالىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى بىزگە چوڭقۇر ئىلھام بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بولسا، كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى بولسا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولسا، بىز چوقۇم ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭالايمىز.
بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتەك مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)