تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش ئەڭ قىممەتلىك كەچۈرمىشىم

ئەزا يۈكسەك شىجائەت:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش ئەڭ قىممەتلىك كەچۈرمىشىم

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

ھەر كۈنى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بايقالغان مەسىلىلەر ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى خاتىرىلەپ، ئامال قىلىپ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتنى ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەش، بۇ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئارتىسى يۈكسەك شىجائەتنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى كۈندىلىك خىزمىتى.

2018 - يىلى، يۈكسەك ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرىنىڭ سۇيايدى كەنتىگە كېلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ نومۇر تەييارلاش ئۇنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى بولغان. «ھەر قېتىملىق مۇھىم، چوڭ بايراملاردا، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ نومۇر تەييارلايمىز، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى بەك يۇقىرى.» يۈكسەك كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن ناھايىتى خۇشال، «ھەر قېتىم نومۇر ئورۇنلىغاندا، پۈتۈن كەنتتىكى 1500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھەممىسى كېلىپ كۆرىدۇ، كۆپچىلىك خۇددى ئېجىل - ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك خۇشال ھالدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ».

يۈكسەك شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى: نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش كېرەك. شۇڭا ئۇ ھەر يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى سۆز تېكىستى تەييارلاپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىدىن سەييارە لېكسىيە سۆزلىدى.

يۈكسەك ھەر ئايدا بىر قېتىم مۇتەخەسسىسلەر سەنئەت جەھەتتىن يېتەكلەش لېكسىيەسى سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەنتتىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنى ياخشى كۆرىدىغان 20دىن ئارتۇق ياشنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيەلىدى. ئۇ يەنە ئامما ياقتۇرىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش شەكلى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن لېكسىيە سۆزلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سەنئەت تەسەۋۋۇر قانىتىدا پەرۋاز قىلسىمۇ، جەزمەن ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ 100 ھەتتا 1000 خىل ئۇسۇلى بار بولسىمۇ، خەلقنى، تۇرمۇشنى ئاساس قىلىش ئەڭ تۈپكى، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۆزلەر كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.» يۈكسەك مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلقنى تەسۋىرلەيمەن، خەلقنى كۈيلەيمەن.

يۈكسەك مۇنداق دەپ قارىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قاتنىشالىغىنىم كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك كەچۈرمىش. «مەن پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا چىن قەلبىم، چىن مەقسىتىم بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى