تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن ھېسسىيات، چىن قەلب بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

ۋەكىل جاۋ جىنلۇڭ:

چىن ھېسسىيات، چىن قەلب بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«ساقچىخانىمىز مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى <فېڭچياۋچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى> بولۇپ باھالاندى، بۈگۈن ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى» دېدى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسى 73 - ئوتتۇرا مەكتەپ خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جاۋ جىنلۇڭ خۇشال ھالدا.

تەۋەلىك رايوننىڭ «ئامانلىقى قالايمىقان نۇقتا»دىن ئامما رازى بولىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىشى خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسىدىكى بارلىق خەلق ساقچىلىرى، ساقچى ياردەمچىلىرىنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

«بۇلتۇردىن بۇيان، مەن ھەر دائىم ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ، ئاممىغا يېقىندىن مۇلازىمەت قىلدىم.» جاۋ جىنلۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەلىك رايونىدا كوچا دېلولىرىنىڭ «يۈز بەرمەسلىك»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەش بولغان. جاۋ جىنلۇڭ ۋە سەپداشلىرى تەۋەلىك رايوندىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ئولتۇراق رايونلارغا بېرىپ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىدە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»نىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتى «ئاممىنى ئاز قاترىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ قاترىتىش»تەك نۇرغۇن ئىقتىدارنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاممىنى نوپۇس، كىملىك، قاتناشنى باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە مەسلىھەت بېرىش، جاۋاب بېرىش بىلەن تەمىنلەپ، تەرتىپ بويىچە يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلىدى. «ھەر كۈنى ساقچىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئاممىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغان ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ» دېدى جاۋ جىنلۇڭ.

«بۇلتۇرقى ئەڭ جىددىي بىر قېتىملىق ساقچى ئەۋەتىش تەۋەلىك رايونىمىزدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە بولدى، بىر ئائىلە باشلىقى بالىلار مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقىتتا بالىسىنى ئالغىلى بارغان، لېكىن بالىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ دېلو مەلۇم قىلغان.» ئۇ كۈنى جاۋ جىنلۇڭ سەپداشلىرى بىلەن كۆپ تەرەپتىن ئىزدەپ، ئاخىر بالىنى تاپقان، ئەسلىدە بالا ئائىلە باشلىقىنى كۆرمەي، ئۆزى ئۆيىگە قايتقاندا ئاپتوبۇسقا خاتا چىقىپ قالغان ئىكەن.

خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا يەنە مىكرو تىپتىكى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلىنغان. «بىز ھەممىمىز ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى.» جاۋ جىنلۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر، تەۋەلىك رايوندىكى بىر ئولتۇراق رايوندا ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەندە، خەلق ساقچىلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىشقا يېتىپ بېرىپ، ئوتنى تېزدىن ئۆچۈرگەن.

زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلىش توغرىسىدا، خەلق ساقچىلىرىمۇ مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان. «تەۋەلىك رايوندىكى زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ كۆپىنچىسى مۈلۈك ماجىراسى، قوشنىلار ئوتتۇرىسدىكى زىددىيەت بولۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش، ئەرمەك ھايۋان، شاۋقۇن قاتارلىق ھەممە تەرەپكە چېتىلىدۇ، بىز سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، ئەھۋالغا قاراپ قائىدە بويىچە تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىپ، تەۋەلىك رايوننىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق» دېدى جاۋ جىنلۇڭ.

ئامما خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىللە، جاۋ جىنلۇڭ يەنە ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتى كۈتۈۋالىدىغان ئامما ئاز ئەمەس، بەزى ئاممىنىڭ جاۋ جىنلۇڭنى ئىزدەپ كېلىشى ئۇنىڭ خەلق ساقچىسى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىدىن ئىدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جاۋ جىنلۇڭ يەنە ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» جېڭىگە ئاتلاندى، ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش مېھمانسارىيىدا ئۈچ ئايدىن ئارتۇق خىزمەت قىلدى، بۇ مەزگىلدە ئىزچىل ئۆيىگە قايتمىدى. «بىز ئايرىۋېتىشكە توغرا كېلىدىغان كىشىلەرنى تىزىملاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدۇق».

بۇ مەزگىلدە، جاۋ جىنلۇڭ يەنىلا ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇش، خەۋەر كۆرۈش، خاتىرە قالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ۋەزىپەمنى ياخشى ئورۇنداپ، مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى بەختلىك قىلىمەن» دېدى جاۋ جىنلۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ