تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن «نېفىت كۈچى»نى بېغىشلايمىز

ئەزا يۆ جۇڭلىن:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن «نېفىت كۈچى»نى بېغىشلايمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ

جېمىنەي، چىڭگىلغا كالا بورداقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، قوي - كالا گۆشىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بېرىش، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ بازار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش... يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ سېتىش شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر يۆ جۇڭلىن ئاراممۇ ئالماي، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنىدىغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندىن بۇيان، يۆ جۇڭلىننىڭ كۆپلىگەن تەكلىپى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى، ئۇ تۇرۇشلۇق كارخانىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ئۈستىدە زور كۈچ بىلەن ئىزدەندى.

بۇلتۇردىن بۇيان، يۆ جۇڭلىن جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتىدىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، گۇرۇھ شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭدىكى نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەيدىغان ئالتە ناھىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش باشقۇردى، بۇ ئالتە ناھىيە جېمىنەي ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئىبارەت. شىركەت جۇڭگو نېفىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 مىڭدىن كۆپرەك ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى قولايلىق دۇكانلىرىغا تايىنىپ، ئالتە ناھىيەنىڭ گۈرۈچ، ئۇن، گۆش، ياغ ۋە ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، 2019 - يىلى سېتىلىش سوممىسىنىڭ 13 مىليون يۈەنگە يېتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2019 - يىلى، يۆ جۇڭلىن تۇرۇشلۇق شىركەت ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ئەتراپقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، سېتىش يوللىرىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، جېمىنەينىڭ قوي - كالا گۆشى، ئۇنى، چاپچالنىڭ زاراڭزا يېغى قاتارلىق 180 خىلغا يېقىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈردى؛ ھەم چاپچال، جېمىنەي، چىڭگىلدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەدە بار بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسىپ تۈرلىرى ئاساسىدا، 24 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خاس كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندىن بۇيان، يۆ جۇڭلىن ئاكتىپ ھالدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامرات نوپۇسلاردىن 660 ئادەم قېتىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ، 300دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا ياردەم بەردى.

بۇ يىلقى تەكلىپلەردە يۆ جۇڭلىن ساھە ئۆلچىمى سۈپىتىنى دەلىللەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز كەسپىنى باشقۇرۇش بويىچە قانۇن چىقىرىش جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى يېڭىدىن قوشتى. جېمىنەي، چىڭگىل جۇڭگو نېفىتى نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەيدىغان ناھىيە، ئىككى ناھىيەنىڭ گاز قاچىلاش پونكىتى تورى قۇرۇلۇشى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تەكلىپلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بولدى. يۆ جۇڭلىن يەنە گاز قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇشىغا دائىر قانۇن چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، دۆلىتىمىزنىڭ ساھە ئۆلچىمىنى دەلىللەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەقىل - چارە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقچى بولدى.

«بۇ يىل، بىز <مىخ قېقىش روھى> ئارقىلىق، بىر تۈر بىر تۈردىن ئۇلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون ۋە جۇڭگو نېفىتى ئورۇنلاشتۇرغان نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسىنى پۇختا تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.» يۆ جۇڭلىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو نېفىتى نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەيدىغان ئالتە ناھىيەگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ھەربىر ناھىيەگە 10 مىليون يۈەن كۆپەيتتى، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى بۇ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشى ئۈچۈن «نېفىت كۈچى»نى بېغىشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى