تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ جىنفېڭ خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، مۇخبىر شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنبۇلاق يېزىسىدا، كەڭ كەتكەن كۈركۈمگۈللىرىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئۆسۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى، بۇ مەنزىرە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلاندى.
يول بويىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ قارىغىنىڭىزدا، بۇ گۈل دېڭىزىنىڭ تولۇق مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، قىزىل رەڭلىكلىرى ئوتقا، ھال رەڭلىكلىرى شەپەققە، سېرىق رەڭلىكلىرى ئالتۇنغا، ئاق رەڭلىكلىرى قارغا ئوخشايدۇ. مەنزىرە سۇپىسى بىلەن گۈل دېڭىزىدا ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدۇ.
كۈيتۈندىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ لى مۇنداق دېدى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، مەنزىرىسى گۈزەل، شياتې قەدىمىي يولىغا باردىم، يايلاقتا ئات چاپتۇرۇپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدىم، تېكەس ناھىيەسىگە قايتىش يولىدا يەنە كۈركۈم گۈلى دېڭىزىدىن ھۇزۇرلاندىم، ناھايىتى خۇشال ئوينىدىم، قايتىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ.
ناھىيە بازىرىدىن كەلگەن ما جىنخەي مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش كۈنى، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ئېلىپ سەھرا سەيلىسى قىلدۇق، يېزا ـ كەنتلەر شۇنداق گۈزەل بولۇپ كېتىپتۇ، بۇ مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش كىشىنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ گۈل دېڭىزى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا رايونى بەرپا قىلغان كۈركۈمگۈلى ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسى بولۇپ، يەر كۆلىمى 150 مو، 300 نەچچە خىل سورت، ئالتە خىل رەڭ سىستېمىسى بار ئىكەن، چېچەك مەزگىلى 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بۇ جايدا ھەقسىز مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى لىنىيە بويىدا يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان.