باش يازدا، تىيانشان ئېتىكىدە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى بۇغداي دېڭىزى يەنە ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى.
جامبۇلاقتىكى بۇغداي دېڭىزى ئاساسلىقى دېڭىز يۈزىدىن 1100-2600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۆتىدىل بەلباغ ئوتلاق رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تاغلىرى، جىلغىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن. يىراققا نەزەر سالساق، 10 مىڭ مو بۇغدايلىق ياپيېشىل رەڭگە كىرىپ، خۇددى بىر پارچە يېشىل «دېڭىز»غا ئوخشايدۇ. كەچكى شەپەق ئاستىدا، بۇغدايلىق كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى