تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرىنچى سەپتە چاقنىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغۇچى ئاچا-سىڭىللار

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10دا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يۈرەك-بۆرەك بۆلۈمىنىڭ سېستراسى چىن شەن باش قاپلىغۇچنى ئوڭشىماقتا، ئۇزاق مۇددەت بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلغاچقا، چىن شەن كالتە چاچ قويۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىش 3-بۆلۈمى 1-كېسەللەر رايونى سېسترالار پونكىتىدا، چىن يەن ئوكۇل بوتۇلكىسىنى تەييارلىماقتا.

  پەرۋىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چىن يەن (سولدا) ئاغرىقنىڭ مەسئۇل ۋراچىنى ئىزدەپ داۋالاش لايىھەسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ جۇۋ، يى تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10دا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يۈرەك-بۆرەك بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى گۇرۇپپىسىدا ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ئىشلارنى رەتلىك ۋە سىستېمىلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  «ئاغرىقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃36.3 ئىكەن»، «43-كارىۋاتتىكى ئاغرىقنىڭ ئوكۇل بوتۇلكىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.»... سېسترالار پونكىتىدىكى چىن شەن ئاغرىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىرمۇبىر خاتىرىلەپ، پەرۋىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەۋاتاتتى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يۈرەك-بۆرەك بۆلۈمىنىڭ سېستراسى چىن شەن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش شوتا ئەترىتىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەترەت ئەزاسى سۈپىتىدە ئايرىش بۆلۈمىگە كىرگەن. ئارقىدىن، يۇقۇملىنىش 3-بۆلۈمى 1-كېسەللەر رايونىدا سېسترالىق قىلىۋاتقان سىڭلىسى چىن يەنمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە ئاتلانغان.

  «ئۆيۈمدىكىلەر خىزمىتىمنى چۈشىنىدۇ، بالىلىرىممۇ بارغانسېرى ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى، ئۆيدە تېخى ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.» دېدى چىن شەن، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ يۈز بېرىشى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغانىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يۈرەك-بۆرەك بۆلۈمىدە، چىن شەن (ئوڭدا) خىزمەتدېشى بىلەن بىرلىكتە ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يۈرەك-بۆرەك بۆلۈمىدە، چىن شەن ئاغرىقنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يۈرەك-بۆرەك بۆلۈمىدە، چىن شەن (سولدا) نۆۋەتچى سېسترا بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يۈرەك-بۆرەك بۆلۈمىدە، چىن شەن ئاغرىقنىڭ قولىنى ئۇۋۇلاپ، بارماق بوغۇملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرمەكتە.

  چىن يەن مۇنداق دېدى: «ئۆزۈمنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ بىر ئەزاسى بولالىغانلىقىمدىن تولىمۇ بەخت ھېس قىلىمەن.»

  چىن شەن مۇنداق دېدى: «بىز بىر-بىرىمىزنىڭ يۆلەنچۈكى، شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە كۈچ ئاتا قىلىمىز،  شۇنداقلا بىز يەنە ئەڭ يېقىن سەپداشلاردىن.»

5-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 18دە، چىن شەننىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشى ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەنگە بىر مۇنچە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا سېسترالار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  ئاچا-سىڭىللار بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى، خەلقئارا سېسترالار بايرىمى كۈنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا يەنىلا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر ئاغرىققا «مېھرىبانلىق، سەۋرچانلىق، ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق» بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پەرۋىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى