تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدۇرىمىز

ۋەكىل قەيسەر ئابدۇكېرىم:

ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدۇرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش... بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىمنىڭ ئاياغ ئىزى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا يەتتى.

«ھازىر ئاساسىي قاتلامنىڭ سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، لېكىن بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەجرىبە قىلىش، تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى ئۆلچەملىك بولماسلىق سەۋەبىدىن دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا تەسىر يېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلمىدى» دېدى قەيسەر ئابدۇكېرىم.

قەيسەر ئابدۇكېرىم ئاساسىي قاتلامنىڭ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2019 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ياردەم بېرىش - يۆلەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، مارالبېشىدا «شىنجاڭ تېببىي داشۆسى داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسى» قۇردى؛ شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، «شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ پىراكتىكا دوختۇرخانىسى» مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا رەسمىي ۋىۋىسكا ئاستى. بۇلتۇر 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى گۇچۇڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن داۋالاش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، پەخرىي دوختۇرخانا باشلىقى، پەخرىي بۆلۈم - ئىشخانا مۇدىرى قاتارلىقلارنى گۇچۇڭ ناھىيەسىگە بېرىپ قولمۇقول تېخنىكا ئۆگىتىشكە ئەۋەتتى.

«بىز چوڭقۇر ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرخانىلاردا مەخسۇس بۆلۈملەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دوختۇرخانا باشقۇرۇش، تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولىمىز. <ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش> ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.» قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ خىل ئەندىزە نۆۋەتتە جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا كېڭەيتىلدى، يېقىندا بىز يەنە قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، <شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ پىراكتىكا دوختۇرخانىسى>مۇ بۇ دوختۇرخانىدا ۋىۋىسكا ئاسىدۇ».

قەيسەر ئابدۇكېرىم بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى، كۆچمە ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا «ئالاقە تورى + داۋالاش - ساغلاملىق» ئەندىزىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئاغرىقلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىدۇ، دەپ قارىدى.

«ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۈچۈن يىراقتىن داۋالاش <بۇلۇت>ى قۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن رايون يىراقتىن دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، رايون داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.» قەيسەر ئابدۇكېرىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يىراقتىن داۋالاشنىڭ تېز، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بۇلتۇردىن بۇيان، ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ زور مىقداردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرغان.

«ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىشى ۋە چەت، يىراق نامرات رايونلاردا يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يىراقتىن داۋالاش كەسپى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك» دېدى قەيسەر ئابدۇكېرىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى