تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دوڭ چېڭجوڭ خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھەرلىك تەجرىبە ئورمىنى مەيدانى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يۈەنلىن مەھەللىسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى ھەدىيە قىلغان 10 توننا ئورگانىك ئوغۇتنى تاپشۇرۇۋالدى. ھازىر، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئوغۇتلايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، تەۋەلىكتىكى باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ ئورگانىك ئوغۇت كەم بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تەقدىم قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
مۇھەررىر :
توخنىياز ئىسمائىل
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/05/13 12:54
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.