تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممىسى بالىلار ئۈچۈن

ئەزا گۇەن فاڭفاڭ:

ھەممىسى بالىلار ئۈچۈن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

ئۆي ئىچى - سىرتىنى دېزىنفېكسىيەلەش، ئاشخانىنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش... بالىلارنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

«3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن ھازىرغىچە، مەن ئىزچىل مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىشلىدىم.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: «مەكتەپ بالىلار مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىدىغان، تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جاي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ».

بىر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇەن فاڭفاڭنىڭ كۆڭلىدە ئىزچىل بالىلارلا بار ئىدى.

بۇلتۇر، چاپچال شىنجاڭ بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىمتىھان رايونىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، بۇنىڭغا گۇەن فاڭفاڭنىڭمۇ تىرىشچانلىقى ۋە قان - تەرى سىڭگەن.

ئىلگىرى، چاپچالدا ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان رايونى ۋە ئىمتىھان مەيدانى يوق ئىدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى كۈن بۇرۇن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا توغرا كېلەتتى. تاماق، ياتاق، قاتناش قوشۇلۇپ، بىر ئوقۇغۇچىغا 400 - 500 يۈەن كېتەتتى، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىدا داۋالغۇش بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نورمال جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر يېتەتتى.

«ھەممىسى بالىلار ئۈچۈن.» گۇەن فاڭفاڭ ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان رايونى، ئىمتىھان مەيدانى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئۆز - ئۆزىگە چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمەن، دېگەنىدى.

سان - سېپىر ۋە ئىنچىكە ھالقىلارنى سېلىشتۇرۇش، توختىماي يوليورۇق سوراش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تۈزىتىش، ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان مەيدانى، ئىمتىھان رايونى قۇرۇلۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى گۇەن فاڭفاڭ كۈلۈپ قويۇپلا ئۆتكۈزۈۋەتتى، ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «تەييارلىق تولۇق بولغاچقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھەممە ئوڭۇشلۇق بولىدۇ!»

ئارقىدىن، گۇەن فاڭفاڭ نەزەرىنى مەكتەپ دوختۇرلۇق ئەترىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا قاراتتى. «مەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ناھىيەدىكى كۆپ قىسىم مەكتەپلەرنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوشۇمچە ساقلىق ساقلاش دوختۇرى قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى شىپاخانىلاردىكى بىر قىسىم دوختۇرلارنى ئاجرىتىپ مەكتەپتە قوشۇمچە مەكتەپ دوختۇرى قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى ھەرگىزمۇ قاندۇرالمايۋاتقانلىغىنى بايقىدىم» دېدى گۇەن فاڭفاڭ تەشۋىشلەنگەن ھالدا.

گۇەن فاڭفاڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: ھازىرقى بۇ ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر جەھەتتىن مەكتەپتە مەكتەپ دوختۇرىنىڭ ئىشتاتى بولمىغانلىقتىن، يەنە بىر جەھەتتىن تېببىي شۆيۈەننى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتە مەكتەپتە تەرەققىي قىلىشنى تاللىمايدىغانلىقىدىندۇر. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇ قېتىم ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنى نازارەت قىلىشتىن پايدىلىنىپ، ئۇ يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

«بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ناھىيە ھەرقايسى شىپاخانىلاردىن دوختۇرلارنى ئاجرىتىپ، مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بار مەكتەپتە 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك قىلىشنى، مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار يوق مەكتەپلەردە كۈندۈزلۈك نۆۋەتچىلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.» گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدە زۇكام بولغان بالىلار ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا زور كۆلەمدە ئازايدى، بۇ، مەخسۇس مەكتەپ دوختۇرى سەپلەشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

گۇەن فاڭفاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بىر قىسىم شىپاخانىلار تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش شەكلى ئارقىلىق، تېببىي خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئىگىلىگەن، ئۇنداقتا مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مەكتەپ دوختۇرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش شەكلىدە ھەل قىلغىلى بولامدۇ - يوق؟ «ئەتىياز، كۈز پەسىللىرى بالىلاردا سۇ چېچىكى، گۈرەن بېزى ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللەر كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل، ئەگەر كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى مەكتەپ دوختۇرلۇقىغا تەكلىپ قىلغىلى بولسا، ئۇنداقتا بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى سىجىل كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولاتتى» دېدى گۇەن فاڭفاڭ ئۈمىدكە تولغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى