باش يازدا، شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەيچۈەنخۇ سۇلۇق يېرى سۇ قۇشلىرىنىڭ گۈزەل ماكانىغا ئايلاندى. توپ-توپ سۇ قۇشلىرى بۇ يەردە ئوزۇق ئىزدەپ، قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىپ، ئۇۋا ياساپ ماكانلاشتى. سۇلۇق يەردە شامالغا ئەگىشىپ ئېغاڭشىۋاتقان قومۇش بىلەن ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان سۇ قۇشلىرى بىرلىشىپ گۈزەل بىر ئېكولوگىيە مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى.
5-ئاينىڭ 7-كۈنى، سۇ قۇشلىرى بەيچۈەنخۇ سۇلۇق يېرىدە ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.
5-ئاينىڭ 7-كۈنى، سۇ قۇشلىرى بەيچۈەنخۇ سۇلۇق يېرىدىكى قۇمۇشلۇقتىن ئاسمانغا ئۇچماقتا.
شىنجاڭ ئۆگۈنۈش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى