تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «بۇلتۇرقى تەكلىپلەر توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ جاۋابىنى ناھايىتى تېزلا تاپشۇرۇۋالدىم. مەن بۇنىڭدىن بىرقەدەر رازى، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ.

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدا، ئەزا ۋۇ گاڭ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىغا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نورما بەلگىلەش تۈزۈمى تەپسىلىي قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئالدىن سودىلىشىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئالدىن سودىسىنى كۆپەيتىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئارا توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىشلىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ئۆلكە ھالقىغان، رايون ھالقىغان سودا نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل كىنىشكىنى سېتىۋېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپى بەردى.

ۋۇ گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە سودا يوللىرى يېتەرلىك ئەمەس، ئۆلكە ھالقىغان، رايون ھالقىغان سودىدا توسۇق مەۋجۇت، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ رايون ھالقىپ ئىشلىتىلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، بۇ ئامىللار يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ. شۇڭا، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا تۈرىنى كۆپەيتىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمال سەۋىيەسىنى باھالاش ۋە كۆرسەتمە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمال ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتكەندە، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالىنى ئۈنۈملۈك قوزغاتقىلى بولىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق.

ئەزا ۋۇ گاڭنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى 2019 - يىلى 8 - ئايدا جاۋاب بېرىپ، بۇ تەكلىپكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش، پايدىلىنىشتا ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن نۆۋەتتە قىسمەن رايونلار ھەقىقەتەن يەنىلا تۈرلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، قاراتمىلىقى بولغان ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە نورما بەلگىلەش تۈزۈمى سىياسىتى، بازارلاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ئۆلكە ھالقىپ، رايون ھالقىپ ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاش، ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئەمەلىي ۋاقتى بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا بازىرىنى ئېچىۋېتىش، يېشىل كىنىشكا سېتىۋېلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە نورما بەلگىلەش تۈزۈمى سىياسىتىگە يانداش بولغان يولغا قويۇش چارىسى ۋە تەپسىلىي قائىدىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سودا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە ھالقىغان، رايون ھالقىغان توك تارقىتىش ھوقۇقى سودىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە نەق مال سودىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ؛ پۈتۈن جەمئىيەتنى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالىغا پائال يېتەكلەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى