تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كارخانىچىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

ۋەكىل جاڭشىن:

كارخانىچىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن

«ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، ھەم يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ۋەزىپە. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بۇرچۇمنى زىممەمگە ئالىمەن» دېدى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جاڭ شىن ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىنى باشلاپ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە كېلىپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق تۇتتى، پۇختا تۇتتى، ئىنچىكە تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2000گە يېقىن پارتىيە ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش ئاۋانگارتلار ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى توپلاپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەپ تەقسىملەپ، ۋەتەنگە ياردەم بېرىپ، ۋۇخەنگە ياردەم بېرىپ، قېرىنداشلارنى قوغداپ، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

«بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارنىڭ بىز ئىئانە قىلغان داۋالاش مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىپ، مەن ۋە ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىنىڭ ھەربىر ئىشچى - خىزمەتچىسى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، بۇنىڭدىن ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتنىڭ ھەممىسى مۇشۇ پەيتتە بەختكە ئايلاندى. بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تىرىشساقلا، چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز!» دېدى جاڭ شىن.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات يېقىندا ئېچىلىدۇ، ئۆتكەن بىر يىلدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىزنالىرىغا نەزەر سالساق، جاڭ شىن مول نەتىجىگە ئېرىشتى. گوۋۇيۈەننىڭ كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم چارە - تەدبىر كۆرسەتتى؛ مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋىيېتنام، لائوس، كامبودژادىكى زىيارەت، تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى؛ شەرقىي - غەربىي قىسىمدىكى كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم شەرقىي - غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تەرەققىيات مېخانىزمى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلارنى يۆلەش سېلىنما فوندى تەسىس قىلىش، غەربىي قىسىمدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئالاقىدار تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرى ئالتىلا كەنتى، قىرىق ئېرىق كەنتى ئۈچۈن «گۈزەل چىراي» ئەندىزىسىنى ئېچىپ، ھەربىر ئائىلىنى ئۇخلايدىغان كارىۋات بولۇش، تاماق يەيدىغان ئۈستەل بولۇش، ئۆگىنىش قىلىدىغان ئورۇن بولۇش، كىيىم - كېچەك ئىشكاپى بولۇش، يۇيۇنۇشتا ئىسسىق سۇ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، خوتەن كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش فوندى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى...

بۇلتۇر، جاڭ شىن يىغىنغا «شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قوللاش سىياسىتى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ» «<شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش>تىكى 3 -، 4 - لىنىيەسىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ» «<ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش چارىسى ۋە سىياسەت كاپالىتى تۈزۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» «شىنجاڭنىڭ <مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش> بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ» قاتارلىق سەككىز تەكلىپنى سۇندى.

بۇ يىل، جاڭ شىن يەنە بىر قېتىم باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزىدىغان» ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان تەكلىپلەرنى تەييارلىدى.

«زىممىمىزگە ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ساھە تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈشىمىز كېرەك» دېدى جاڭ شىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى