تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئالتۇن توخۇلار چىللىدى كىشىلەرنى ئىشچان بولۇشقا ئۈندىدى

يېڭىئېرىق كەنتى:

ئالتۇن توخۇلار چىللىدى كىشىلەرنى ئىشچان بولۇشقا ئۈندىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ۋاڭ جېن، ليۇ فېڭجىڭ، جامبولات ماناربېك

[ئاخبارات سىزمىسى]

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئودانلىق بازىرى يېڭىئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا توخۇ باقماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەتراپتىكى 262 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپىرى سىزغان)

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باھار يامغۇرى چاڭ - توزانلارنى يۇيدى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئودانلىق بازىرى يېڭىئېرىق كەنتىدە دەل - دەرەخلەر ياپيېشىل تۈسكە كىردى. يامغۇر توختىشى بىلەن، كەنت توخۇ بېقىش سېخىنىڭ سىرتىدا قېزىش ماشىنىسىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ، قۇرۇلۇش باشلاندى.

«بۇ توخۇ بېقىش سېخىنىڭ قوشۇمچە قۇرۇلۇشى، كېلەر ئايدا پۈتىدۇ. ئىشنى بىر كۈن بالدۇر تاماملىساق، بىر كۈن بالدۇر ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز، ئىشنى تېز قىلمىساق بولمايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن كەلگەن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى خې جيەنشېڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يەر يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇ ئەڭ كۆپ كەلگەن جاي ئىدى. قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارغا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بىردەممۇ توختىماي يەنە يەكەن جۇڭفۇ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بېرىپ، گۆش توخۇسىنى سېتىش ئىشى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، توخۇ بېقىش يېڭىئېرىق كەنتىدىكى بارلىق كادىرلار، كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشقا ئايلاندى. توخۇلارنىڭ چىللاشلىرى كىشىلەرنى ئىشچان بولۇشقا ئۈندىدى، ئۇلار بۇنىڭدىن كىرىمنى ئاشۇرىدىغان «ئالتۇن تۇخۇم»لارغا ئېرىشمەكتە.

قەدەم ئېلىش: چۈجىلەرنى كاتەككە كىرگۈزۈش

134 ئائىلىلىك 573 ئادەم بار يېڭىئېرىق كەنتىدە، 2018 - يىلىدىن بۇرۇن، نامرات نوپۇستىن 80 ئائىلىلىك 359 ئادەم بار ئىدى. بۇنداق «يېڭىش تەس ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىق» ئالدىدا، 2018 - يىلى 1 - ئاينىڭ بېشىدا بۇ كەنتكە كەلگەن خې جيەنشېڭ ھەسسىلەپ بېسىم ھېس قىلدى: كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، يەر تېرىشتىن قىلىدىغان كىرىم ئاز؛ پىشىپ يېتىلگەن كەسىپ كەمچىل، باغ - ئورمان تېرىقچىلىق پايدىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس؛ سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى ئاز، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كەمچىل... بۇلارنىڭ ھەممىسى قىيىن مەسىلىلەر ئىدى.

چىقىش يولى قەيەردە؟ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن يەنىلا كەسىپكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. خې جيەنشېڭ ۋە كەنت كادىرلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەكەن ئاممىسىنىڭ توخۇ كاۋىپى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ناھىيە بازىرىدىكى بىر توخۇ كاۋاپخانىسىنىڭ ئىلگىرى بىر كۈندە 1000 توخۇ كاۋىپى ساتقانلىقىنى، بازارنىڭ گۆش توخۇسىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ زورلۇقىنى؛ شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ توخۇ بېقىش ئەنئەنىسى بار بولۇپ، بەلگىلىك توخۇ بېقىش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ توخۇ بېقىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەن، مەيدان - ئورۇنغا بولغان تەلىپىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمگەك سىجىللىقىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى؛ توخۇ بېقىپ پايدا ئېلىش دەۋرىيلىكىنىڭ قىسقا بولۇپ، بىرنەچچە ئايدىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانى ھەم ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانى بولۇپ، كەنت كادىرلىرى تەدرىجىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى − توخۇ باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، ئىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى، كەنت كادىرلىرى كەنتتىكى توخۇ باقمىچىلىقى چوڭ ئائىلىسى شياڭ گۇيلىننىڭ پىكرىنى ئالدى، «يۇرتداشلارنىڭ بىرلىكتە بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەن بۇرۇنلا مۇشۇنداق قىلىشنى ئويلىغانىدىم!» شياڭ گۇيلىن نەق مەيداندىلا ۋەدە بېرىپ، باقمىچىلىق باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ توخۇ باقمىچىلىقى تۈرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەممە تەييارلىقلار پۈتتى، پەقەت بىرلا مۇھىم شەرت ھازىرلانمىدى، ئىش باشلاش مەبلىغى قەيەردىن كېلىدۇ؟ كەنت كوللېكتىپىنىڭ مەبلىغى كەمچىل، «پۇل يوق، دەپ ئىش قىلمىساق بولمايدۇ - دە.» 2018 - يىلى 3 - ئايدا، خې جيەنشېڭ يېنىدىن 30 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ بىكار تۇرغان 500 كىۋادرات مېتىرلىق قوي قوتىنىنى توخۇ كاتىكىگە ئۆزگەرتىپ، 1 - تۈركۈمدە 5400 گۆش توخۇسى بېقىشقا باشلىدى. چۈجىلەرنى كاتەككە كىرگۈزۈش پەقەت باشلىنىش بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ بېقىشتا ھەر قانداق بىر قەدەم كەم بولسا بولمايتتى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئەتىيازدا قۇم - بوران كۆپ، بوران چىقسىلا خې جيەنشېڭ جىددىيلىشىپ كېتەتتى، «بۇ بورانغا ئادەملەرمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان يەردە، توخۇلار قانداق بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟» ھەر قېتىم ھاۋا رايىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولسىلا، ئۇ دەرھال كادىرلارنى باشلاپ بىرىنچى ۋاقىتتا توخۇ كاتىكىگە بېرىپ، توخۇ كاتىكى ئۈستىدىكى بوراندا ئېچىلىپ قالغان سولياۋ يوپۇقنى پۇختىلايتتى. قۇم - بوران ئۆتۈپ كەتكەندە، چۈجىلەرگە ھېچ ئىش بولمايتتى، كادىرلارنىڭ ئۈستبېشىنى چاڭ - توزان بېسىپ كېتەتتى.

ئەندىزىنى بۇزۇش: كەنت ئاھالىلىرى پاي قوشۇش

چۈجىلەر تىمەن چوڭ بولدى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان خې جيەنشېڭ تېخى خۇشال بولۇشقا ئۈلگۈرمەيلا، بېشىغا بىر داس سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك بولدى.

كادىرلار نامرات ئاھالە نىيازبۈ توختىغا خىزمەت ئىشلەپ: «پاي قوشسىڭىز توخۇ كاتەكتىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئاز دېگەندە بىر ھەسسىدىن كۆپرەك پايدا ئايرىپ بېرىلىدۇ» دېدى.

«مەن ئىشەنمەيمەن» نىيازبۈ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا رەت قىلدى، «مەنمۇ توخۇ بېقىپ باققان، ساتقىلى بولمايدۇ، پاي قوشقان پۇلدىنمۇ چوقۇم پۈتۈنلەي زىيان تارتىمىز» دېدى.

كەنت ئاھالىلىرى بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ئەنسىرەپ، كادىرلارنىڭ زېرىكمەي - تېرىكمەي نەسىھەت قىلغىنىغا قارىماي جىم تۇرۇۋالدى.

«بۇ ئىشنى زورلىغىلى بولمايدۇ.» كەنت كادىرلىرى ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ، پىكىر يولىنى ئۆزگەرتتى.

ئۇلار ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، بىرنەچچە كاۋاپخانىنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ، كەنتنىڭ گۆش توخۇلىرىنى تونۇشتۇردى: «كەنتتە توخۇ بېقىش تەننەرخى تۆۋەن، سېتىش باھاسى چوقۇم سىلەر سىرتتىن سېتىۋالغاندىن ئەرزان بولىدۇ، بىز بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىساڭلار.» كاۋاپخانا ئىگىلىرى كەنت كادىرلىرىنىڭ سەمىمىيىتىدىن تەسىرلەندى، شۇنداقلا كېيىن تېخىمۇ سۈپىتى ئەلا، باھاسى ئەرزان مال مەنبەسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتكە بېرىپ كەنت ئاھالىلىرىگە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى سۆزلىدى ھەم نەق مەيداندا ئۈچ يىللىق گۆش توخۇسى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.

نىيازبۈ تەسىرلەندى: «مەن قاتنىشىمەن، ئىشقىلىپ نەچچە ئايدىلا بىلگىلى بولىدىكەن» دېدى. يەنە 30 نەچچە كەنت ئاھالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاي قوشتى.

بىرنەچچە ئاي ئۆتتى، 1 - تۈركۈمدە بېقىلغان گۆش توخۇلىرى پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولدى، پاي قوشقان كەنت ئاھالىلىرى دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماي، ئۇلارغا يەنە نۇرغۇن پايدا ئايرىپ بېرىلدى. «بىرنەچچە ئايدىلا، 1000 يۈەن پۇلۇم 2600 يۈەنگە ئۆزگەردى، ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم» دېدى نىيازبۈ خۇشال ھالدا.

شۇنىڭدىن كېيىن، شارائىت پىشقاندا ئىش ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ، دېگەندەك، كەنتتە توخۇ بېقىش كۆلىمى تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى، 2018 - يىلى 6 - ئايدا، كەنت دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى پىلانلاپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 262 كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

تەرەققىي قىلدۇرۇش: شىركەتلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش

2019 - يىلى، يېڭىئېرىق كەنتىدە يىلدا بېقىلىدىغان توخۇ 1 مىليون 200 مىڭغا، سېتىلىش سوممىسى 45 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان كەسىپ شەكىللىنىپ، پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىشقا تۈرتكە بولدى.

كۆلەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدە بار بولغان باقمىچىلىق، سېتىش ئەندىزىسى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشالمىدى. «كەنت ئىككى كومىتېتى توخۇ باقمىچىلىق كەسپىنى قانداق قىلغاندا ئىزچىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل ئويلاندى. كارخانا كىرگۈزۈپ، پىشىپ يېتىلگەن بىر كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كەنت ئاھالىلىرى ئاندىن ئۇزاق مۇددەت توخۇ بېقىشقا تايىنىپ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرالايدۇ» دېدى خې جيەنشېڭ.

ئۇلارنىڭ بىر شىركەتكە نەزەرى چۈشتى.

2018 - يىلى، يېڭىئېرىق كەنتى ھەم ئەتراپتىكى يېزا - بازارلارنىڭ توخۇ بېقىش كۆلىمى كېڭەيگەندىن كېيىن، بىر مەھەل يەم سېتىۋېلىشتا مەبلەغ كەمچىل بولۇپ قالدى. كەنت كادىرلىرى ئۇياق - بۇياققا قاتراپ شىنجاڭ ئىچىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇ شىركەت مەردلىك بىلەن قەرز پۇل بېرىپ، كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قوللىدى.

بۇلتۇر خې جيەنشېڭ بۇ شىركەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئالاقىلىشىپ، شىركەتلەشتۈرۈپ توخۇ بېقىش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ شىركەتنىڭمۇ شۇ جايدا باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويى بار ئىدى. ئىككى تەرەپ تېزلا كېلىشىپ، يەكەن جۇڭفۇ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. شىركەت مەسئۇلى ۋاڭ خۇنيەن مۇنداق دېدى: شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، بېقىش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلاردا شىركەتلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، پائال بازار ئاچتۇق، بۈگۈنكى كۈندە گۆش توخۇلىرى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭغا سېتىلىۋاتىدۇ. شىركەت يەنە كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، شۇ جايدا قۇشخانا ۋە ئورگانىك ئوغۇت زاۋۇتى قۇرۇپ، بېقىش، سويۇش، سېتىش، ئورگانىك ئوغۇت پىششىقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، توخۇ باقمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى.

بۇ يىل بۇ شىركەت باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ، يىلدا بېقىلىدىغان توخۇنىڭ 2 مىليونغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار، بۇ، ئەتراپتىكى 300 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەم - خەشەك ئۆستۈرۈش، ئورگانىك ئوغۇتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى