تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن دىلىمدىن ۋەتەننى مەدھىيەلەيمەن  مېھرىم بىلەن خەلققە جاۋاب قايتۇرىمەن

ئەزا دىلنار ئابلا:

چىن دىلىمدىن ۋەتەننى مەدھىيەلەيمەن    مېھرىم بىلەن خەلققە جاۋاب قايتۇرىمەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئارقىلىق ئۇنى يېڭىمىز...» يېقىملىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان سەككىز ياش ئۇسسۇلچى بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئويناپ، بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتتى... بۇ يىل 2 - ئايدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجاد قىلغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىر بۆلەك لەپەر(ناخشا - ئۇسسۇل، نەزمە، ئورۇنلاش بىر گەۋدىلەشكەن شىنجاڭ ئەل ئىچى ئەلنەغمە ئورۇنلاش سەنئىتى) «مېھىر - مۇھەببەت كىشىلەر ئارىسىدا» ناملىق قىسقا سىن نۇرغۇن تورداشنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«بىر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئېسىل ئەسەرلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىللىقلىق، ئىشەنچ ۋە ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىم بار» دېدى «مېھىر - مۇھەببەت كىشىلەر ئارىسىدا»نى ئىجاد قىلىشقا قاتناشقان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابلا.

«ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلقتىن ئوزۇق ئېلىپ، يېڭى دەۋرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.» بۇ، دىلنارنىڭ بۇلتۇر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ «ئەزالار يولى»غا چىققاندا قىلغان يۈرەك سۆزى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندە، دىلنار ھەر ۋاقىت خەۋەرگە دىققەت قىلدى، كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ھەربىر رەقەم، ئاق خالاتلىق جەڭچىلەر ئىستىھكامغا بۆسۈپ كىرگەن ھەربىر كۆرۈنۈش ئۇنى ئەنسىرەتتى ھەم تەسىرلەندۈردى. «بىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلىشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەزمەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنى تەقدىم قىلىشىم كېرەك.» ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇم ئەھۋالى دىلنارنىڭ كۆڭلىنى ئەندىشىگە سالدى. ئۇ شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت - سەنئەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوند جەمئىيىتى ئارقىلىق 200 مىڭ يۈەن مېھىر - شەپقەت ئىئانە پۇلى توپلاپ، 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خۇبېيغا ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قوللىدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ كېچە - كۈندۈز خىزمەت قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇخلىمايۋاتقانلىقى، ئارام ئالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دىلنار يەنە تۇغقانلىرى، دوستلىرى ئارقىلىق ئامالنىڭ بارىچە ھەرقايسى تەرەپتىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توپلاپ، مەزكۇر فوند جەمئىيەت ئارقىلىق خۇبېي شياۋگەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ۋە مەھەللە قاتارلىقلارغا 80 مىڭ ماسكا ۋە بىر تۈركۈم تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلدى.

ئۇدا ئۈچ نۆۋەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، 2018 - يىلى يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان دىلنار زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ھەمىشە مۇنداق دەيدۇ: «ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي كۆڭۈل بېرىش، چىن ھېسسىياتىنى بېرىش، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك».

ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئويۇن قويۇش دىلنارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئاشۇ قىزغىن نەزەرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ھەر قېتىملىق ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىنى ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاش، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى توپلاش پۇرسىتى دەپ بىلىدۇ. بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا دىلنار «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>ىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» ھەمدە «شىنجاڭنىڭ پورت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپى»نى بەرگەن. بۇ تەكلىپلەر ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى، دىلنار بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى.

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، دىلنار قانداق قىلغاندا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا ئىزچىل ئويلاندى. «مەن تەكلىپىمنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىمەن، بۇ تەكلىپلەرنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا ئاپىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى دىلنار تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى