تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەنت گۈزەل، خەلق ئىتتىپاق بولۇپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش

كۈتلەم كەنتى:

كەنت گۈزەل، خەلق ئىتتىپاق بولۇپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش

[ئاخبارات سىزمىسى]

5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى كۈتلەم كەنتىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى دۇڭ رۇڭخۇا (سولدا) كەنت ئاھالىسى ئامىنىخان جۈمەگە داۋالىنىش كارتىسىنى قانداق قىلىپ قايتا بېجىرىشنى چۈشەندۈرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپىرى سىزغان)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

كۈتلەم كەنتىگە تۇتىشىدىغان سېمونت يول ناھايىتى تۈز بولۇپ، ئىنتايىن راۋان ئىدى.

«بۇ، ئېغىر نامرات كەنت كۈتلەم كەنتىمۇ؟» «كەنت كومىتېتىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئاۋۇ يەردە ئېسىقلىق تۇرسا، بۇ يالغان بولارمۇ؟» كەنت ئاھالىسى ئامىنە توختىمەمەت مۇخبىرنىڭ گۇمانلانغانلىقىنى كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا كەنتكە كىرىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بەردى.

كەنتكە كىرگەندە، رەتلىك ئۆيلەر، ئىشىك ئالدىلىرىغا ياراشقان مېۋىلىك دەرەخلەر، بىر بېكەت شەكلىدىكى مۇلازىمەت زالى، قىزىل خاتىرە كۆرگەزمە سارىيى، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كىچىك باغچىسى مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى...

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى كۈتلەم كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى بىر كىچىك كەنت بولۇپ، 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مۇخبىر بۇ يەرگە كەلدى، كۆز ئالدىدىكى كەنت گۈزەل، خەلق ئىتتىپاق بولۇپ، ھەممە يەردە ئاشۇنداق مەنزىرىنى كۆرگىلى بولاتتى.

كەنت گۈزەللەشتى    كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە كۈلكە كۆپەيدى

«يوللار ياسالدى، ئېرىق - ئۆستەڭلەر تازىلاندى، يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تازىلانمىغان ئەخلەتلەر تازىلاندى، ھەممە ئائىلىلەردە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى».

«ئىلگىرى نامرات بولغانلىقتىن، يىغىشتۇرۇشقىمۇ رايىمىز يوق ئىدى، ھويلىلارنىڭ ئىچى پاسكىنا، قالايمىقان، رەتسىز ئىدى. ھازىر كۈنلەر ياخشىلاندى، يۇرتداشلارمۇ كۆچەت تىكىش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش، گۈل ئۆستۈرۈشنى ئۆگەندى».

مۇخبىر كۈتلەم كەنتىدە زىيارەتتە بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

«كەنت ھاياتىي كۈچكە تولغاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى خې يۇڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئىشنى مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشتىن باشلاشقا بەل باغلىدى.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، ئەخلەت تاشلانغان يەرلەر كىچىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇلۇپ، تۆت ئەتراپىدا چىنار دەرىخى ۋە گۈل - گىياھلار ئۆستۈرۈلدى؛ كەڭ - كۇشادە كەنت كومىتېتى ھويلىسىغا ئۈزۈم بارىڭى ياسالدى، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر ئۆستۈرۈلدى؛ يېزىدىكى چىغىر يوللارغا ياغاچ قاشا قويۇلۇپ ئاقارتىلدى، سەھرا ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. يول يۈزى قاتتىقلاشتۇرۇلدى، ئۆيلەر رېمونت قىلىندى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ياسالدى، كۈتلەم كەنتى يېڭى تۈسكە كىردى.

روزىتوختى قۇربان كەنتتىكى ياشانغان كىشى بولۇپ، تېنى ساغلام، ئايىغى چاققانىدى، ئۇ ئادەتتە بىكار بولسىلا كەنت كومىتېتىنىڭ يېنىدىكى كىچىك باغچىغا بېرىپ سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. «بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشى، كەچ بولسىلا سەيلە قىلغىلى كېلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ» دېدى روزىتوختى.

كۈتلەم كەنتىدە كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىلىرى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلىنىپ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. بۇلتۇردىن باشلاپ، كەنت يەنە ھەربىر ئائىلىنىڭ ھويلا - ئارانىنى لايىھەلەپ ئۆزگەرتىپ، باقمىچىلىق رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، تۇرالغۇ رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايوننى ئايرىشنى يولغا قويدى، ھەم كەنت ئاھالىلىرىگە گۈل مايسىسى، كۆكتات مايسىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىپ بېرىپ، ھەم ھويلا - ئاراننى گۈزەللەشتۈردى، ھەم كىرىمىنى ئاشۇردى.

«ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سۇغارمىسام، ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.» نامرات ئاھالە روزىنىسا يۈسۈپ ھويلىسىدا ئىككى كۈن بۇرۇن تىككەن لازا مايسىسىنى سۇغىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. لازىنى قانداق قىلغاندا ياخشى تېرىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇ ھازىر پىششىق بىلىدۇ.

كاللا ئېچىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاشتى

مۇھىت گۈزەل بولسىلا ھېساب ئەمەس، كاللا ئېچىلغاندىلا ئاندىن نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ھەقىقىي قوزغاتقىلى بولىدۇ. خې يۇڭنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، نامراتلىقتا قىينالسىمۇ ئىش قىلماي تەمە قىلىپ كۈتۈپ تۇرغاندا، تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىدۇ.

قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كاللىسىنى ئاچقىلى بولىدۇ؟ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كاللىسىنى ئىشلىتىپ، ئالدى بىلەن ئىشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىن باشلىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكى بىر بوش ئۆينى رېمونت قىلىپ يېڭىلاپ، قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمە سارىيى قۇردى. كەنتتىكى پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنى چۈشەندۈرگۈچى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆرگەزمە سارىيىدىكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدىن قالغان بىر قىسىم كونا بۇيۇملارنى چۈشەندۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈرەش قىلىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

كەنت يەنە «بەشتە ياخشى ئائىلە» «تېرىقچىلىق ماھىرى» «ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىش بويىچە ئۆلچەمگە يەتكەن ئائىلە»لەرنى باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، كەنتتە ھەممە كىشى ئىلغارلاردىن ئۆگىنىدىغان، ئىلغار بولۇشقا ئىنتىلىدىغان كەيپىياتنى ياراتتى. ھازىر كەنت ئاھالىلىرى بوش ۋاقىتلىرىدا دائىم كەنت كومىتېتىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيى، مەدەنىيەت ئۆيىدە كىتاب ئوقۇپ، «توك قاچىلايدىغان» بولدى.

ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشى بېيىغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاشتى، نامراتلىقتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇتۇلۇش ئارزۇسىمۇ كۈچەيدى.

كەنت ئاھالىسى خانسايىپ ئۇرايىم ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەميېنىنىڭ بارا - بارا تومپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى ئاشخانىدا ئىشلەپ پۇل تېپىشنى تەلەپ قىلدى. «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر چىن كۆڭلىدىن بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاۋاتسا، بىز ئۆزىمىز ۋاز كەچسەك قانداق بولىدۇ؟» ئۇ خىجىل بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئىشنىڭ جاپاسىدىن قاچاتتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ».

كەنتتە تۇرغىنىغا ئۈچ يىل بولغان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئابدۇقېيۇم تۇراپ بۈگۈنكى كۈندە خانسايىپنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، ئىشچان بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. بۇ، دەل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى ئىدى.

«بۇ يىل، كەنتتە 260تىن ئارتۇق ئادەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.» ئابدۇقېيۇم مۇنداق دېدى: كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان كەنت ئاھالىلىرىنى سۆزلەتكۈزدى، بىر قېتىمدا قايىل قىلالمىسا ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم زېرىكمەي چۈشەندۈرۈپ، جاھىل كەنت ئاھالىسىنىمۇ سۆزلەپ قايىل قىلدى.

قىلىدىغان ئىش بار بولدى    ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش ئىشەنچى ئاشتى

كەنتنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى چەكلىك بولسا، ئۇنداقتا تېز ئۈنۈم بېرىدىغىنىنى ئاۋۋال يۆلەش كېرەك. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بېيىش باشلامچىسى خەيرۇلخان ئەخمەت ئۆيىدىكى رەڭلىك خىش ھۈنەرخانىسىنى سېمونت بۇيۇملىرى زاۋۇتىغا ئۆزگەرتىپ، 14 ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز نامرات ئاھالە بار.

مۇخبىر كۈتلەم كەنتىدىكى سېمونت بۇيۇملىرى زاۋۇتىغا كەلگەندە، نۇرمەمەت تۇرا رەڭلىك خىشنى قېلىپتىن چىقىرىش ئىشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ قانداق قىلغاندا رەڭلىك خىشنى قېلىپتىن پۈتۈن چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا سىناق قىلىۋاتاتتى. نۇرمەمەت نامرات ئاھالە بولۇپ، زاۋۇتتا ئىشلىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاچقا، مائاشى ھەممىدىن يۇقىرى ئىدى. «مائاش قىلغان ئىشقا قاراپ ھېسابلىنىدۇ، ياخشى ئىشلىسەم جىق ئالىمەن، مەن غەيرەت قىلىپ ئىشلىسەم، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا چاتاق يوق» دېدى نۇرمەمەت ئىشەنچ بىلەن.

ھازىر كەنت ياغاچ جابدۇقلارنى پىششىقلاش زاۋۇتى، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ئەترىتى ۋە بېلىق كۆلچىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر كەنتتە پەقەت ئاخىرقى نەچچە ئون نامرات ئائىلىلا قالدى، ناھىيە، يېزا، خىزمەت ئەترىتى، كەنت ئىككى كومىتېتى، نامرات ئائىلىلەردىن ئىبارەت يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى تېزدىن ئېلىپ تاشلاپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ