تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش

ۋەكىل قۇربان نىياز:

خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پائال قاتنىشىش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش، مەكتەپ مۇھىتىنىڭ تازىلىقىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش... يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، قۇربان نىياز خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قۇربان نىياز مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى، دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پاراتنى كۆرۈش مۇراسىمى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

«ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم ئۇنتالمايمەن! مەن بېيجىڭدا مۇكاپات ئالغان ۋاقتىمدا ئەڭ كۆپ ئويلىغىنىم بۇ ئۆمرۈمدە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمنىڭ كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ توغرا تاللاش ئىكەنلىكى بولدى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ماڭا بۇنداق كۆپ شەرەپلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن» دېدى قۇربان نىياز.

قۇربان نىياز ئادەتتە دەرسخانىدا دائىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» «دايۈنىڭ كەلكۈننى تىزگىنلىشى» قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلھاملاندۇرۇش ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ھەر قېتىملىق چاغان، دۇەنۋۇ بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمىدا قۇربان نىياز بالىلار بىلەن بىللە جاۋزى تۈگۈپ، تاڭزۇڭزا، يۆبىڭ پىشۇرۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ پۇرىقى ۋە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچى پۇتۇڭخۇانى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى «مۇھاكىمە ۋە بايان» «ئۈچ خەتلىك دەستۇر»نى يادقا ئوقۇيالايدۇ.

بۇلتۇر، قۇربان نىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە خىزمىتى كومىتېتى قانات يايدۇرغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشقاندا، قومۇل شەھىرى، بورتالا شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپنى كۈچەيتىش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئاممىۋى ئاساسقا ۋە مول مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ شۇ جايدىكى چىنچياڭ ئوقۇتقۇچىسى، جىڭجۈي تىياتىرى ئوقۇتقۇچىسىنى ئالغا بازىرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە بالىلارغا ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى تىياتىر مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سالدى.

بۇ ئىككى يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، قۇربان نىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن، قەشقەر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي، ئالتاي، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش - سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەرگە ئائىت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

«مەيلى قەيەرگە بارماي، مەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئېتىز بېشىغا بېرىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئۆيىدىكى كاڭدا ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىمەن، دوستلىشىمەن، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئىگىلەيمەن، ئۇلارنىڭ قەلب سۆزلىرىنى ئاڭلايمەن، ئۇلارنىڭ تەلىپى ۋە ئارزۇسىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىمەن.» قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: ئامما بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي قەلب كۆۋرۈكى سېلىش ئۈچۈن، ھەر قېتىملىق ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، قەلبىدە ئاساسىي قاتلامنى ئويلاپ، ئۆزى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئىشنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلارنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى، خەلق رايىغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا، ئاندىن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغىلى، ئاندىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى