تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تەكلىپىمگە بۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گۇەن فاڭفاڭ «كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا» دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، «تەكلىپىمگە بۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم».

«بېجىرگۈچى ئورۇن بۇ تەكلىپكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم تېلېفون قىلىپ، تەكلىپ لايىھەسى ئىچىدىكى تەكلىپلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەنە يازما جاۋاب خەت ئەۋەتىپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا مەركىزىي كومىتېت چىقارغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سالماقنى ئاشۇرۇپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى گۇەن فاڭفاڭ.

گۇەن فاڭفاڭ ئۇزاق مەزگىل چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ، دائىم كەنت (مەھەللە)لەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ قىسمەن كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىدا يېشى چوڭراق بولۇش، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەنرەك بولۇش، كەسپىي بىلىمى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت (مەھەللە)لەردە يەنە كادىرلار زاپىسى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار ئېقىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلانغانىدى. شۇڭا ئۇ: كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنى تاللاپ تەيىنلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى بېيىش ماھىرلىرى، سىرتقا چىقىپ ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت قىلىش ماھىرلىرى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىپ كىرگۈزۈپ، ئىختىساسلىقلار زاپىسى خىزمىتى ياخشى ئىشلەنسە، دەپ تەكلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلسا، دەپ تەكلىپ بەردى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2019 - يىلى 1 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى بەنزىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ھەربىر كەنتتە كەنت دەرىجىلىك زاپاس كۈچلەرنى زاپاس ساقلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «2018 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ياش كادىرلار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قاتارلىقلار تۈرىدىكى كادىرلارغا قارىتا تەربىيەلەش نىشانى ۋە كونكرېت تەدبىرلەرنى ئايرىم - ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىشتات، ۋەزىپە ئىش ئورنى سانى، تەمىنات قاتارلىق جەھەتلەردە كوچا باشقارمىلىرى، مەھەللىلەرگە قارىتىلغان سىياسەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزىلاردىكى بېيىش ماھىرلىرى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار، تىجارەت قىلىدىغانلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىقلارنى يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى... بىر يىلدىن بۇيان، گۇەن فاڭفاڭ خۇشال ھالدا ئۆزىنىڭ تەكلىپىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىپ، تۈرلۈك ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك سىياسەت - تەدبىرلەردە نامايان بولغانلىقىنى كۆردى.

«بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى شىنجاڭدىكى كەنت (مەھەللە)لەرگىمۇ يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇنلىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يىغىن، جەدۋەللەرنىڭ ئازايغانلىقى، يۈكىنىڭ يېنىكلىگەنلىكى، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ساپاسى، ئىقتىدارىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى كۈندىن - كۈنگە مۇۋاپىقلاشتى، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ئۇلار ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلامغا ھاياتىي كۈچ قوشتى» دېدى گۇەن فاڭفاڭ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەنت (مەھەللە)لىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى توسۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: «سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ كىشىلەر توپىغا سىجىل دىققەت قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى