تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نىلقا ناھىيەسى چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شى شۆخۇڭ خەۋىرى): «بۇ يىل ئەتىيازدا، نىلقا ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىقى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، قوزىلاش، ئەي بولۇش نىسبىتى ئاشتى.» 4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن خۇەنچياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «نىلقا ناھىيەسى چارۋىلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆلەملىك باقمىچىلىق، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، نىلقا ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.»

  مۇخبىرنىڭ نىلقا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، نىلقا ناھىيەسىدە 894 مىڭ تۇياق چارۋا بار بولۇپ، بۇ:  201 مىڭ تۇياق كالا،  608 مىڭ قوي،  78 مىڭ ئات،  6000 چوشقا، 1000 تۇياق باشقا ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە چىشى چارۋا 647 مىڭ 300 تۇياق.

  نىلقا ناھىيەسى قارا سۇ يېزىسى جالىنغۇل كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇنئالې توختوقوجو شۇ كەنتتىكىلەر بىلەن بىللە كەنتتىكى 70 نەچچە كالىنى ۋاكالىتەن بېقىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەركەزلىك باقمىچىلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غېمىنى تۈگىتىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىمۇ ئاشۇردى.

  بۇ يىل، نىلقا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى ۋە بورداش مەيدانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشكەن كۆلەملىك باقمىچىلىق مەيدانى، بورداش مەيدانىدىن 10نى بەرپا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن ئۈچى، ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يەتتىسى بار بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە قوتاندىكى چارۋا 70 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

  چېن خۇەنچياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «نىلقا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوزىلاش، ئەي بولۇش بىلەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باقمىچىلىق بىلەن بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىنى ئاچتى.»

  4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنىگىچە، نىلقا ناھىيەسىدە تۆل ئېلىنغان چارۋىنىڭ سانى 623 مىڭ 600 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە،  113 مىڭ 600 موزاي،  471 مىڭ پاقلان،  35 مىڭ 800 تايچاق، 3200 چوشقا كۈچۈكى بار بولۇپ، چارۋىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %98تىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى