ئەزا يۈ مېي:
يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈش ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ نەتىجە يارىتىش
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ
ئۇ ئاغرىقلارغا يېقىملىق، مۇلايىم مۇئامىلە قىلىدۇ، دوختۇرلارغا خاس سەۋرچانلىققا ۋە ئەستايىدىللىققا ئىگە؛ ئۇ قەدىمىنى تېز - تېز ئېلىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ، چارە - ئەقىل كۆرسىتىشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇشى ئۈچۈن بىر تەكلىپ ئۈستىدە قايتا - قايتا ئويلىنىدۇ. ئۇ دەل شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى نەنمىن شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى يۈ مېي.
30 يىلغا يېقىن دوختۇرلۇق ئىستاژىغا ئىگە تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە، يۈ مېي ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتتى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇدا بىر ئايغا يېقىن دوختۇرخانىدا تۇرۇپ، بىر كۈنمۇ ئارام ئالمىدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورا قاينىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۈ مېي بىرىنچى ۋاقىتتا ئىش ئورنىدىكى بارلىق خادىملارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ ئىشلەپ جۇڭيى دورىلىرىنى قايناتتى، 60 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭيى قايناتما دورىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. قىزىپ قالغانلارنى ئالدىن تەكشۈرۈش تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئايرىش، مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېببىي خادىملارنى كارخانىلارغا ۋاقتىدا ئەۋەتىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، دوختۇرخانا قوبۇل قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئىئانىسىنى ياشانغانلار ساناتورىيەسى، مەھەللە، ساقچى ئىشلىرى پونكىتى قاتارلىقلارغا ھەدىيە قىلدى ... «پەقەت بىز ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق» دېدى يۈ مېي.
ئۆتكەن بىر يىلدا، يۈ مېي مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قانات يايدۇرغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىدە، ئۇ يەنە يېڭى ھاسىلاتلارغا ئېرىشتى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان <سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش> تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.
نەچچە يىلدىن بۇيانقى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش كەچۈرمىشى يۈ مېيدىن ئىبارەت بۇ «پېشقەدەم» ئەزانى ئالدىراش قىلىۋەتتى، ئۇ ئاساسىي قاتلامغا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىغا سىڭدۈرۈپ، پۇختا، سالمىقى بار تەكلىپلەرنى يېزىپ چىقتى.
2019 - يىلى، يۈ مېي قىسمەن كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - كۈتۈنۈش بازىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - كۈتۈنۈش كەسىپ ساھە ئۆلچىمى ئورنىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل يۇقۇم ئالدىدا، يۈ مېي ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ئالاقىدار قانۇن - نىزام قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن «مۇداپىئە تورى»نى زىچ توقۇشنى تەۋسىيە قىلدى.
قانۇن، تۈزۈم قاتلىمىدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق قىلىپ دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ يۈرەك، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ماھارەت بىلىملىرىنى خەلق مائارىپىغا كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىتىش؛ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ پاناھلىنىش سورۇنى، جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش يولىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش... يۈ مېي بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، شەكىللەندۈرگەن تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بۇ يىللىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. «<مەسئۇلىيەتچان ئەزا> بولۇش ئۈچۈن، ئايىغىمىزنى چاققان قىلىپ، كاللىمىزنى ئىشلىتىپ، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن ئىشلىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ۋەدىمىزنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز» دېدى يۈ مېي.