تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ نارات: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، ساياھەتچىلەرنى خاتىرجەم ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى، فوتوسى): ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنى خاتىرجەم ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنزىرە رايونىنىڭ ھەرقايسى كىرىش ئېغىزىدا، «تەرتىپلىك ئۆچىرەتتە تۇرۇڭ، 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاڭ» دېگەن بەلگىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. كۆپ قېتىم ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالاقە تورىدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش تۈزۈمى قوللىنىلىپ، نەق پۇل سودىسى ئازايتىلدى، ساياھەتچىلەر كۆزنەككە بېلەت ئالماشتۇرۇشقا بارمىدى. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىللار رايونلارغا ئايرىلدى، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ساياھەتچىلەرنى تارقاق ھالدا مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە يېتەكلىدى.

  5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، مەنزىرە رايونى 2-نۆۋەتلىك «تاغ، ئادەم، ماشىنا» فىگۇرا چىقىرىپ ۋېلىسىپىت مىنىپ ئېگىزگە چىقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ ئىچىدىكى 100دىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى، بىرلا ۋاقىتتا، يەنە ئالتۇنگۈل پورەكلەپ ئېچىلغان ناراتتىن ھۇزۇرلاندى.

  مۇسابىقىدىن بۇرۇن، 64 ياشلىق گۇەن ليەندې ۋە 59 ياشلىق خوتۇنى ۋاڭ شيۇخۇا بىر-بىرىگە مەدەت بەردى. ۋاڭ شيۇخۇا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئەر-خوتۇن ئىككىمىز چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىن، بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈچ يېقىن دوستىمىز بىلەن كۈنەس ناھىيەسىگە كېلىپ ساياھەت قىلدۇق، «يىراق جايغا بارمىساقمۇ، دەم ئېلىش خۇشاللىقىدىن خاتىرجەم بەھرىمەن بولالايدىكەنمىز، شۇڭا بىز يېقىن ئەتراپقا ساياھەتكە بېرىشنى تاللىدۇق». 

    ماي بايرىمى مەزگىلىدە، مەنزىرە رايونى «2+4» دالا ھەرىكىتى ئۆزى ۋېلىسىپىت ھەيدەش ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرگە 10 مىڭ مولۇق نارات شەمشادلىق دۆلەت ئورمان باغچىسىدا ئۆزگىچە ساياھەتنى ھېس قىلدۇردى. 

  نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى نىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەركۈنى مەنزىرە رايونىدىكى ھەرقايسى ساياھەت رايونلىرى، ئىشخانا رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىپ تازىلىدۇق. بىز كۈنەس ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، دوختۇرخانا دوختۇر ۋە سېسترالارنى مەنزىرە رايونى تەسىس قىلغان ۋاقىتلىق قالدۇرۇپ كۆزىتىش ئۆيىگە ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى