شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ سۇڭرۇ، دۇ گاڭ
«1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يەنە يېتىپ كەلدى. جەمئىيەتتىكى ئىش تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان شارائىتتا، بىز بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن خىزمەت ئورنى، خىزمەت ۋاقتى، خىزمەت خاراكتېرى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ئەمگەكچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن «ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى گۈزەل ئارزۇلار سەمىمىي ئەمگەك ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ» دېگەن بۇ سۆز جانلىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.
كۈندۈزدە «كېچە سەپىرى قىلغۇچى» شۈ شەنجاڭ، 54 ياش، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك تەقسىملەش ئېلېكتىر كابېلى لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئاسراش بەنىنىڭ بەنجاڭى. 30 يىلدىن بۇيان، خىزمەتداشلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئالماشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىزمىتى ئۆزگىرىپ باقمىدى − قاراڭغۇ ۋە تار يەر ئاستى يولىدا، ئۇ بېلىنى ئېگىپ ھەتتا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئېلېكتىر كابېلىنى تەكشۈرەتتى، پۈتۈن مۇساپىدە يەنە سولياۋ قاتارلىقلارنىڭ بەتبۇي پۇراقلىرىدىن قىينىلاتتى. ئەڭ تۆۋەن چەك بويىچە مۆلچەرلىگەندىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە 40 مىڭ كىلومېتىر يولنى «بىنورمال» ماڭدى، بۇ يەر شارى ئېكۋاتورىنى بىر ئايلىنىپ چىققانغا باراۋەر. كۈندۈزدە «كېچە سەپىرى قىلىدىغان» ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشچىلىرىغا بولغان بىۋاسىتە تەسىراتىنى بىراقلا ئۆزگەرتتى. بۇ قېتىمقى ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئۇ دىجورنىلىق قىلدى.
خىزمەتداشلىرى: ئۇ دائىم توك قۇدۇقىغا ئاۋۋال چۈشۈپ، توك قۇدۇقىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قايتىپ چىقىدۇ، دېدى. بىر قېتىملىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش جەريانىدا، بەن گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى پاتقاق گازىغا دۇچ كەلدى. خىزمەتدىشى ما رۇي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «شۈ ئۇستام بىزنى ئالدى بىلەن بىر - بىرلەپ ئۈستىگە چىقىرىۋەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ چىققاندا، ماسكىسىنىڭ ئىچى - تېشى ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتقان چاغدا پەقەتلا ماغدۇرى قالماپتۇ، شۇ چاغدا بەكلا يىغلىغۇم كەلدى».
مۇخبىرلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەر ئاستى يولىغا كىردى، ئون مىنۇتقا يەتمەيلا، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن: بۇ خىزمەتنى قانداقمۇ بۇنچە ئۇزاق ئىشلىيەلىدىڭىز، دەپ سورىدى. شۈ شەنجاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېھتىمال ياش خىزمەتداشلارغا ئۈلگە بولاي دەپ ئويلىغاندىمەن، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەممە ئائىلىلەردە چىراغ نۇرلىرنىڭ چاقناپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن.
شۈ شەنجاڭغا ئوخشاش قەلبىگە چوڭ ئارزۇنى پۈككەنلەردىن يەنە، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى دوختۇرى، 47 ياشلىق ئىنتىماقمۇ بار. ئۇ: «بۇنىڭدىن كېيىن، بالىلارنىڭ توپ - توپ ياۋا ئاتلارنىڭ چۆل - باياۋانلاردا، يايلاقلاردا چېپىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
نۇرغۇن كىشىلەر ياۋا ئاتلارغىمۇ دوختۇر كېتەمدۇ، دەپ گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ سانى مۈشۈكئېيىقنىڭكىدىنمۇ ئاز، ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە بىرمەھەل يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، يەر شارىدا ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ياۋا ئات تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىنتىماق ئېگىز، بەستلىك بولۇپ، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكى قازاق ئالىي مال دوختۇرى. بۇ مەركەز شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپى چەكسىز كەتكەن چۆللۈك. 22 يىل ئىلگىرى ئىنتىماق بۇ مەركەزگە كېلىپ ئىشلىگەن.
مەلۇم بىر يىلى ياۋا ئاتنىڭ كۆپىيىش پەسلىدە، بىر بايتال تۇنجى قېتىم قۇلۇنلىدى، بىراق تۇغۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان تاي ئاغرىپ قالدى. ئىنتىماق تاينى داۋالاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز چاپچىغان بىيە ئۇنىڭ كۆكرىكىنىڭ سول تەرىپىنى چىشلىۋالدى. ئۇ يارىسىنى تۇتقىنىچە، ئۆمىلەپ قاشادىن قېچىپ چىقتى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئىنتىماقنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشى ئۇنچىۋالا ئۇزاققا سوزۇلمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھازىر، ئېلىمىزدىكى پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ سانى 600دىن ئېشىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ياۋا ئات ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يېقىنلاشتى، مەركەز ۋە ئەتراپتىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ياۋا ئات ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تۇپراقنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئارزۇ ئوخشاشلا 59 ياشلىق ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش ئىشچىسى ما يۇڭشېڭنىڭ قەلبىدىمۇ مەۋجۇت. يىللار بۇ پېشقەدەم ئورمان مۇھاپىزەتچىسىنى ۋاقىت تونېلىغا يوشۇرۇپ قويغاندەك قىلاتتى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمال يۆنىلىشىگە جايلاشقان ئاقسۇ شەھىرىدە كۆكيار دەپ ئاتىلىدىغان بىر پارچە چۆل - جەزىرە بار، 30 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ يەر پۈتكۈل ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قۇم - بوران مەنبەسى ئىدى. قۇم - بوراننىڭ زىيىنىنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش ئۈچۈن 1986 - يىلى ئەتىيازدا يەرلىك كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.
ما يۇڭشېڭ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش ئىشچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كۆكيارنىڭ يەر شەكلى ئىنتايىن مۇرەككەپ، نۇرغۇن چوڭ كۆلەملىك شورلۇقلار بار، يەنە كەلكۈننىڭ يالىشىدا پەيدا بولغان ھەم كەڭ، ھەم چوڭقۇر جىلغىلار بار، «ئەينى چاغدا ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر ئاز ئىدى، نەچچە ئونمىڭ كادىر، ئامما، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كەتمەن ۋە تۆمۈر جوتۇ بىلەن يەرنى تۈزلەپ، نەچچە كېچە - كۈندۈز كۆكياردا كۆچەت تىككەنىدى، ھارغاندا توپا دۆۋىسىدە بىردەم يېتىۋالاتتى، كۆچەت تىككەن ئوقۇرغا سۇ ئاچقاندا يار ئېلىپ كېتىپ ئېچىق پەيدا بولسا، ئالدىراشچىلىقتا ئۈستىدىكى پاختىلىق چاپان بىلەنلا يېتىپ بەدىنى ئارقىلىق ئېچىقنى توساتتى».
كىشىلەر كۆكيارنىڭ يېشىللىقى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارى بەدىلىگە كەلگەن دېيىشىدۇ. 1986 - يىلىدىن ھازىرغىچە ئاقسۇدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىم كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشتى، جەمئىي بىنا قىلىنغان ئورمان 200 مىڭ مودىن ئاشتى.
بۇ يىل ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ما يۇڭشېڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىغا ھەمراھ بولغان ئورمانغا قاراشنى پىلانلىدى. ئۇنىڭ سەل ئەپسۇسلىنىدىغىنى شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ بالىلىرىمۇ بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولدۇق، لېكىن كۆكيارنى كۆكەرتىش بەلكىم بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا كېرەك، گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆللۈكنى يېشىللاشتۇرۇش كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى.
دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ كۈنسېرى كۆپ مەنبەلىشىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ «كۆزگە چېلىقمايدىغان» ئەمگەكچىلەر بارلىققا كەلمەكتە، ھەربىر دەۋرنىڭ ھەممىسىدە دەل مۇشۇنداق بىر توپ ئۈن - تىنسىز ئەجىر قىلىدىغان ئەمگەكچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى بولغاچقا، شەھەرلەردە چىراغ نۇرلىرى ئۆچمەي چاقناپ تۇردى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار بارلىققا كەلدى، بىزنىڭ كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشىمىزغا ئاساس سېلىندى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)