تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى پوستتا چىڭ تۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 9 دا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ شياۋشەن ئىش ئورنىغا كېلىپ بولدى، ئۇ «1 - ماي» مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىك جەدۋىلىنى يەنە ئازراق تەڭشىدى. «ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ بىز بوشىشىپ قالساق بولمايدۇ، ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ جەزمەن تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى نيۇ شياۋشەن.

سائەت 10 لار ئەتراپىدا، نيۇ شياۋشەننىڭ تېلېفونى سايرىدى. «ماقۇل، مەن ھازىرلا بارىمەن.» نيۇ شياۋشەن قولىدىكى ئىشنى قويۇپ، تازىلىق رايونىدا تېزدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنى كىيىپ، ئىككى ئارىلىق رايوندىن ئۆتۈپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە كىردى.

ئەسلىدە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى 14 ياشلىق بىر بالىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بالىنىڭ گېلى قىچىشىپ، دېمى سىقىلغانلىقتىن ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئىكەن، تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن مەسىلە بايقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بالا يەنىلا بىئاراملىق ھېس قىلغان. ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلىگەندىن كېيىن، نيۇ شياۋشەن كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە كىرىپ، بالىغا يېرىم سائەتكە يېقىن پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، بالا خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

نيۇ شياۋشەن مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئادەمدە ئەمەلىيەتتە روھىي جىددىيلىكتىن پىسخىكىلىق سېزىمچان ئىنكاس كېلىپ چىقىدۇ، جۈملىدىن دوختۇرلارمۇ پىسخىكىلىق مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جەزمەن ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشىمىز كېرەك».

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، نيۇ شياۋشەن ئىزچىل بۇ يەردە نۆۋەتچىلىك قىلدى، ئۇ: بۇ مېنىڭ بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىم، دېدى.

«1 - ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە نيۇ شياۋشەن يەنىلا ئىش ئورنىدا ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ دىياگنوز قويۇلغانلار نۆلگە چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن «ئالدىنقى قاراۋۇل» بولغان قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە قىلچە بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ. بىز داۋاملىق 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ساقلاپ، ھەر قانداق بىر گۇمانىي ئاغرىق مىسالىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى