تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۇنيا ئىقتىسادىنى «مۇقىملاشتۇرغۇچ»نى مۇستەھكەملەش

− تۇنجى پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنى كۆزىتىشنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ خۇڭشيا، دىڭ لې، شۈ ياڭ

2020 - يىلى، دۇنيا ئىقتىسادى «قارا ئاق قۇ»غا يولۇقتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامراپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، يەرشارىۋى سودا ئوخشاشلا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يۇقۇم ئامىلىنى ئويلاشقاندا، بۇ يىل يەرشارىۋى سودىنىڭ %13تىن %32كىچە كېمىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. چوڭ ئاپەتتە، جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ ئىپادىسى قانداق بولدى؟ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا قايسى ئورۇنغا كۈچەشكە بولىدۇ؟

سىياسەت «دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر»ى تاشقى سودىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بەردى

«جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بىزنىڭ چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بەردى.» 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭليەن جۇڭكې خەلقئارا كەسىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى بىن مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتلىك پويىزغا بىز جۇڭگو - بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسىغا ئەۋەتىدىغان مېخانىكا قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش خام ماتېرىيالى قاچىلانغان. تىرانسپورت ۋاقتى 15 كۈن ئەتراپىدا قىسقارتىلدى».

يۇقۇم يەرشارىۋى ئەشيا ئوبوروت كەسپىگە ئېغىر زەربە بولدى. كۆپلىگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان تىرانسپورتتىن توختىدى، پورتلار تاقالدى، بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ «قەدەم ئېلىشى قىيىن بولدى».

تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، جەزمەن تاشقى سودا ئەشيا ئوبوروت زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئەشيا ئوبوروت زەنجىرى، ھەتتا يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى. تاموژنا، قاتناش، تۆمۈريول، پوچتا قاتارلىق تارماقلار ئارقا - ئارقىدىن تەدبىر چىقاردى، ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

بۇ يىل 1 - پەسىلدە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن جەمئىي 1941ى قاتناپ، 174 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق مال توشۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %15 ۋە %18 ئاشتى، 3 - ئايدا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش سانى 800نى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى پويىزنىڭ سانى 500نى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئىككى تۈر كۆرسەتكۈچىدە ئوخشاشلا تاق ئاي تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

يۇقۇمنىڭ يەر شارىدا كېڭىيىپ كېتىشى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى بۇنداق ياكى ئۇنداق قىيىن مەسىلىگە يولۇقتى. دەسلەپتە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن مەھسۇلاتنى يەنە توشۇپ چىقىرالمىدى، يەنە كېيىنگە كەلگەندە، مەھسۇلاتنى توشۇپ چىقارغىلى بولىدىغان چاغدا چەت ئەللەردىكى خېرىدارلار تاپشۇرۇۋېلىشنى زور تۈركۈملەپ ئارقىغا سۈردى ياكى زاكازنى بىكار قىلدى... كۆپلىگەن تاشقى سودا كارخانىلىرىنى بۇ بىرقانچە ئايدا «قەدەمدە بىر چۆچۈدى» دېيىشكە بولىدۇ.

تاموژنا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودا ئېكسپورت - ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتى 6 تىرىليون 570 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 3 تىرىليون 330 مىليارد يۈەن بولۇپ، %11.4 تۆۋەنلىگەن؛ ئىمپورت 3 تىرىليون 240 مىليارد يۈەن بولۇپ، %0.7 تۆۋەنلىگەن؛ سودا ئاكتىپ بالانىسى 98 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولۇپ، %80.6 تارايغان.

«ئېنىقكى، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودا ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى كەسكىن». تاشقى ئىقتىساد - سودا داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇاڭ رۇي مۇنداق دېدى: ئەمما 1 - پەسىلدىكى تۆۋەنلەش نىسبىتى مۆلچەرىمىزدىكىدەك بولدى، ھەتتا بىر قىسىم ئاپپاراتلارنىڭ كۆزلىمىسىدىن ياخشىراق بولدى، بۇ، مەركەز دەل ۋاقتىدا تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

مۇخبىرنىڭ رەتلەش داۋامىدا بايقىشىچە، پەقەت 3 - ئايدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئاز دېگەندە تۆت قېتىم تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تاشقى سودا كىرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش، «ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىنىشى ئېغىر، بايلىق خاراكتېرلىك»تىن باشقا بارلىق باجنى تولۇق سوممىسى بىلەن قايتۇرالمىغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى باجنى ۋاقتىدا تولۇق سوممىسى بىلەن قايتۇرۇش، تەسىس قىلىنىپ بولغان 59 چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى ئاساسىدا يېڭىدىن 46 چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەسىس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز تاشقى سودىسىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولغان.

يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا «جۇڭگو تۆھپىسى»نى قوشتى

1 مىليارد 60 مىليون تال ماسكا! بۇ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بىر كۈندە، جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان ماسكا سانى.

يۇقۇمنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز «ماسكا قوبۇل قىلىش»تىن «ماسكا يەتكۈزۈش»كە ئۆزگەردى، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە رايوندىكى خەلق «جۇڭگو ماسكىسى»نى ئىشلەتتى، «جۇڭگو مۇداپىئە كىيىمى»نى كىيدى، «جۇڭگو نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى»نى ئىشلەتتى.

بۇ، جۇڭگونىڭ پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. خەلقئارا بازارنى خام ماتېرىيال دورا، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى زورايتقاندىن باشقا، جۇڭگو يەنە «يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش»قا توختىماي كۈچ چىقىرىدىغانلىقىدەك ئېنىق سىگنالنى كۆپ قېتىم تارقاتتى.

2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىساد - سودا ھەمراھلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىدە مۇھىم تەسىرگە ئىگە باشلامچى كارخانا ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى، تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

«ئىشىنىمەنكى، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرەلىگەن دوست ھەقىقىي دوست بولىدۇ.» 2 - ئايدا، كورېيە كەسىپلەر سودا ئالاقىسى بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى چېڭ يۈنمونىڭ بىر پارچە ئىمزالىق تەشەككۈر خېتى شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشنىڭ ئۈستىلىگە ئەۋەتىلدى.

كورېيە تەرەپنىڭ تەشەككۈر خېتىدە، شەندۇڭنىڭ ئۆلكە، شەھەر، كارخانىلارنى «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئىز قوغلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كورېيە مەبلىغىدىكى 32 ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى كارخانىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرغانلىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.

يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشىدا ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بار، يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر مەنە، مەزمۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىرىس ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەپ، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

«4 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 94 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى ئۈچ ئاينىڭ يىغىندىسىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى ھەم پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى %50 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرى مەيسىپۇ ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ خېشېڭ مۇنداق دېدى: بازارغا بولغان ئىشەنچىمىز ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە ئىشەنچىمىز بولغانلىقىدىن كەلگەن.

«جىدىڭخېنىڭ توك مەنبەسىنى ماسلاشتۇرغۇچ شىركەتنىڭ كوزىر مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەت يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاچقۇچلۇق زاپچاسلارنىمۇ ئۆزىمىز ئىشلەپچىقىرالايمىز. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە نۆۋەتتە 2 - ئەۋلاد ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 3 - ئەۋلاد ئاپتوماتلاشتۇرۇش پىلانلىنىۋاتىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئىچكى ماھارەت»نى مەشىق قىلدۇرغاندىن سىرت، شىركەت خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىش جەھەتتىمۇ «ھوسۇل ئالدى».

مەيسىپۇ ئايرىم مىسال، لېكىن يالغۇز مىسال ئەمەس. يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، نۇرغۇن تاشقى سودا كارخانىسى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش بىلەن بىللە، قەلب، كۈچنى مۇجەسسەملەپ تىپ ئۆزگەرتىشنى كۆزلەپ، تىرىشىپ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، تاشقى سودا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىنى تاشقى سودا شەكلىدىن پايدىلىنىپلا ھەل قىلىش ناتايىن. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: كارخانىلارنىڭ ئېكسپورتنى ئىچكى بازاردا سېتىشقا ئۆزگەرتىشىنى قوللاش كېرەك.

«ئېكسپورتنى ئىچكى بازاردا سېتىشقا ئۆزگەرتىش ئىچكى - تاشقى سودىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فاڭ ئەيچىڭ مۇنداق قارىدى: بۇ ساھە يەنىلا بىر قىسىم چەكلىمىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بەزىلىرى كارخانا تەرەققىيات ئىدىيەسىگە چېتىلىدۇ، بەزىلىرى ئۆلچەملىك جىپسىلاشتۇرۇش جەھەتكە چېتىلىدۇ، بەزىلىرى مالىيە - باج سىياسىتىگە چېتىلىدۇ، كۆپ تەرەپنىڭ تەتقىق قىلىپ ماسلىشىپ تۈرتكە بولۇشىغا ئېھتىياجلىق.

«چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ.» جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى ناھايىتى كۈچلۈك چىدامچانلىققا ئىگە، يېتەرلىك پەم - پاراسەتكىمۇ ئىگە بولۇپ، داۋاملىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش شارائىتى بار.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى