ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقى پەيتىدە

شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى

كوئېنلۇندا گۈللەر ئېچىلىپ، تىيانشان يېشىللىققا پۈركەندى − بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىنكى ئالتىنچى باھار.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتنى ئەسلىسەك، دەل مۇشۇنداق ئىللىق باھار كۈنلىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. ئۇ ئۇزۇن يول ئازابىغا قارىماي، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن ھالقىپ ئۆتتى؛ ئۇ تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئامما ئارىسىغا كەلدى؛ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، ئۇ يىراقنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن پىلانلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭغا يول باشلىدى.

ئالتە يىل ھەش - پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. بىراق، 2000دىن ئارتۇق بۇ كېچە - كۈندۈزدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان تۇپراقتا باشتىن - ئاخىر جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ كەلدى.

كۆكنى لەرزىگە سالىدىغان قەسەم

− ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇش

بىر خىل غەمخورلۇق بار، ئۇ بولسىمۇ كۈچلۈك، چوڭقۇر ھېسسىيات؛ بىر خىل ئىللىقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ كۈچ يەتكۈزۈش.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ئۇچقان مەخسۇس ئايروپىلاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈستەل ئۈستىگە خەرىتىنى يېيىپ، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى. ئايروپىلان شىنجاڭ تەۋەسىگە كىرگەندە، ئۇ پات - پات ئايروپىلان دېرىزىسىدىن پەستىكى بوستانلىقلارغا، تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغلارغا نەزەر سالدى...

بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرىنچى قېتىم شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇشى. ھالبۇكى، بۇ بىپايان ئاجايىپ تۇپراققا قارىتا، باش شۇجى ئازراقمۇ ناتونۇش ئەمەس. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى، ئۇ شىنجاڭغا كەلگەن. جېجياڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەم مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئاياغ ئىزىنى قالدۇرغان.

باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇشۇ تۇپراق ۋە بۇ جايدىكى خەلقنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بۇرغىسىنى چالدى، باش شۇجى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

شۇ قېتىمقى شىنجاڭغا سەپەر قىلغان قىسقىغىنا تۆت كۈن ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، شەھەرلەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، باش شۇجىنىڭ سەپەر مۇساپىسى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى نىشان بېكىتىپ بەردى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئايرىلىدىغان چاغدا قىلغان سۆزىدە، باش شۇجى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىڭلار»دەپ رىغبەتلەندۈردى.

«ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىڭلار»، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆز بىر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە خەلقچىل ھېسسىياتىنى نامايان قىلغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنداقلا 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىگە ئايلانغان!

ئالتە يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق، قانچىكى خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلگەنسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەيسىرانە كۈرەش قىلىش روھى بىلەن، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا تۇرمۇش تىنچ -خاتىرجەم، يۇرت ئامان؛ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، باھاردا دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىخ سۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى. «ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىڭلار!» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ كۆكنى لەرزىگە سالىدىغان قەسىمى، شۇنداقلا بۈگۈنكى شىنجاڭ زېمىنىدىكى جانلىق مەنزىرىگە ئايلاندى.

ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئېتىقاد

− باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2019 - يىلى، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى تۇنجى قېتىم 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ساياھەت كىرىمى 345 مىليارد 265 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %41.6 ۋە %40.4 ئاشتى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر «قەدىمى بىلەن بېلەت تاشلاپ»، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن گۈزەل نام يىراقلارغا تارالدى.

ئېقىن سۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك بولىدۇ، دەپ سورىسىڭىز، قۇرۇپ كەتمەيدىغان مەنبەدىن ئۈزۈلمەي سۇ كېلىپ تۇرغاچقا شۇنداق بولغان.

شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك. بۇ، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش نىشانى.

بىر ئايدىن كېيىن، باش شۇجى 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتتى، راۋاجلاندۇردى، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك»نىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم. باش نىشاننى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساسىي يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

باش نىشان بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەيدىغان پىروگرامما، شۇنداقلا ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئېتىقاد. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

− ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» ياخشى ئېتىلدى. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىجىل كۈچەيتىلدى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلدى.

− كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، مەنبەدىن تۈزەش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلدى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، قانۇنچىلىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتى ئەڭ زور دەرىجىدە يوقىتىلدى.

− ئۇلنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەڭگىۋار قورغىنى پۇختىلاندى. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، تۈمەنلىگەن ھەر دەرىجىلىك كادىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەنت ۋە مەھەللىلەردە يىلتىز تارتىپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش جەريانىدا ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئوبراز تىكلەپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە خەلق قەلبىنى ئۇتۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

باھاردىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن كاككۇك يېرىم كېچىدە ھەسرەتلىك سايرايدۇ، باھار شامىلىنى سايراپ چىللىيالمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە گۇۋاھ بولۇپ، باش نىشاننىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا 40 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى، بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەڭ مۇھىم شارائىت، ئەڭ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

تىنچ، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، تەبەسسۇمى كۆپەيدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئاشتى. ئەمەلىيەت ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە شۇنى ئىسپاتلىدىكى: پەقەت بىز باش نىشاننى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، چوقۇم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقالايمىز، چوقۇم ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

زېمىننى ئىللىتىدىغان ھېسسىيات

− خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ مېۋىچىلىكى پىچان ئۈزۈم سودىسى مەركىزىنىڭ ئۆلچەملەشكەن پىششىقلاش سېخىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە دانە - دانە، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان قۇرۇق ئۈزۈملەر ئالتۇن رەڭدە پارقىراپ تۇراتتى. بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بۇ مەركەز 6000دىن ئارتۇق ئۈزۈمچىلىك ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى ھەم بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە باغۋەنلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ھالبۇكى بۇ پەقەت شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرغان توققۇز چوڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزىنىڭ بىرى.

شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنى زامانىۋىلاشقان سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسىكەن دەپ ماختاپ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ خاس بايلىقىنى يەنىمۇ ياخشى ئېچىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنىدى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، مېۋىچىلىك گۇرۇھىنى كەسىپ ھالىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بازار ئېچىپ، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

مۇقىملىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ تۈپ يولى. باش شۇجى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، ئۇ بارغانلىكى يېرىدە، تەرەققىياتنى سورىدى، ئىسلاھات ئۈستىدە توختالدى، خەلق تۇرمۇشىنى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىكى ئىش پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات يەنىلا شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، جەزمەن ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلىدى، پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەرىدىن تەرەققىيات يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى باش شۇجى ئەستىن چىقارمىدى، ئۇنىڭغا پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلدى.

باش شۇجىنىڭ سۆزى مېغىزلىق، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇنتۇلغۇسىز! ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زىچ چۆرىدەش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش جەريانىدا ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

4 - ئاينىڭ باشلىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار كورلىدا 10 مىڭ مو يەردىكى نەشپۈت بەس - بەستە چېچەكلەپ، خۇددى ئاپئاق قار ۋە بۇلۇتتەك تەڭداشسىز گۈزەل تۈسكە كىردى. شۇ جايدىكى ساياھەت تارماقلىرى تەشكىللىگەن بىر مەيدان چېچەك سەيلىسى پائالىيىتى 8000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئاۋات يېزىسىنىڭ ئۇششاقتېرەك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بۇخەلچەم داۋۇت كاۋاپ سېتىپلا ئىككى كۈندە 1000 يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدى. بۇخەلچەمنىڭ تومپايغان ھەميېنى ۋە خۇشال كۈلكىسى شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغانلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولدى. 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنى ھەر يىلى ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچى 100 مىليون، 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن 200 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، شىددەت بىلەن ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ، قار - مۇزلۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، مىليونلىغان دېھقان - چارۋىچىغا بەخت ياراتتى.

ئوخشاشلا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ماختاشقا ئەرزىيدىغىنىدىن يەنە شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بار. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭدا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بېكىتىلىپ، ئىچكىرى رايونلارنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇندى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى 2000دىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە جەمئىي يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى تەخمىنەن 600 مىڭ كىشىگە يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى قاپلىغان توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى نۇرغۇن نامرات نوپۇسنىڭ ئىشىكى ئالدىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى خەلق تۇرمۇشىنى سىنايدىغان ئۆلچەم قىلىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىگە خەلق تۇرمۇشى ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئىللىقلىققا تولغان تەرەققىيات جاۋاب قەغىزىنى بىر خەت - بىر خەتتىن يېزىپ چىقتى.

خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىدا ئالدىن ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا ئىشلىتىلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەقىقىي تۈردە خەلق رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇلدى. «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما تەرەققىيات مېۋىسىدىن، ئىسلاھات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈلدى.

شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى ئاشلىق، پاختا، مېۋىچىلىك، ئوتلاقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن قاپلاتقۇزۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە بازار تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ، دېھقانلارنىڭ تاپاۋىتىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى بۇ كەڭ زېمىن ھەم بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي بازىسى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 2 مىليون 923 مىڭ 200 نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى، 25 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىدىكى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن پۇقرا نامراتلىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدى، ئۈمىدكە تولدى، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. پارتىيە رايى، خەلق رايى خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈشنىڭ ئاكتىپ كۈچى شىنجاڭ زېمىنىدا يەتكۈزۈلدى، بۇ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى، ئەڭ كۈچلۈك تىرىكى.

بىر نىيەتتە ھەمدەم بولۇش مېھىر - مۇھەببىتى

− ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

بىر خىل گۈل بولۇپ ئىتتىپاقلىق گۈلى دېيىلىدۇ، يەنە بىر خىل دەرەخ بولۇپ «قەلبداشلار دەرىخى» دېيىلىدۇ.

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى 70 سودىگەر بىلەن ئۇلارنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىرلىكتە «قەلبداشلار دەرىخى»گە ۋىۋىسكا ئاستى، بۇ، ئۇلار بىرلىكتە تىككەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرىخى بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقىدەك چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى، چىن دوستلۇقىغا گۇۋاھ بولدى.

ۋاڭسەن كوچىسى ئاقسۇ شەھىرىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەنئەنىسى بار كوچا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كوچىدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر يېقىن ئەتراپتىكى خەنزۇ سودىگەرلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، كۆپچىلىك قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ياردەملىشىش جەريانىدا ھېسسىياتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، يېڭى دەۋردىكى ۋاڭسەن كوچىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تېخىمۇ كۆركەم ئېچىلدى.

ۋاڭسەن كوچىسىغا ئوخشاش، ھەرقايسى مىللەت ئىناق بىللە ياشاپ، شاد - خۇراملىققا چۆمگەن مەنزىرىنى بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە رېئاللىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا ئىسپاتلاپ بەردى.

شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە بولدى. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆزلىشىشتىن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىچە، باش شۇجى قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات - ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى» «شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى». شۇنىڭدىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا، باش شۇجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قايتا - قايتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2015 - يىلى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىشلەشتە مۇھىمى سىردىشىش بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاش كېرەك.» 2017 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. 2017 - يىلى 3 - ئايدا، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى يەنە ئوبرازلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك».

باش شۇجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئومۇمىي ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىگە قويۇپ پىلانلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ھەمدە كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، چىن مۇھەببەتكە تولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىزلار شىنجاڭ تۇپرىقىدا توختىماي قاتناۋاتىدۇ، ھال - ئەھۋال سوراپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش جەريانىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان نىياز، جۇاڭ شىخۇا، يۇۋ لياڭيىڭ... يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدىغان ئىسىملار مەنىۋى كوردىناتلارغا ئوخشاش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا يېتەكلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇل تېشى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. بۇ، بارغانسېرى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

شىنجاڭدا، مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە دىن مەسىلىسى دائىم گىرەلىشىپ كېتىدۇ. باش شۇجى خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدۇر». ئۇ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغاندىلا، تۈرلۈك ئىشلار ئاندىن كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى. بىر تەرەپتىن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇردى، ئۇلارغا كۆيۈندى؛ بىر تەرەپتىن، «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىن ساھەسىدە ئېجىل - ئىناق بولغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

باھار شامىلىدىكى داغدۇغىلىق مۇساپە

− باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

يىللار تۇرمايدۇ بىر ئىزدا ساقلاپ، ۋاقىت ئۆتىدۇ تىنماي يورغىلاپ. ۋاقىت ئىسترېلكىسى مۇشۇ پەيتنى كۆرسەتكەندە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت 200 نەچچە كۈنلا قالدى.

يېقىندا شىنجاڭنىڭ 1 - پەسىلدىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 6.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنتايىن مۈشكۈل مەزگىلدە، بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدا پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا بىر مەھەل ۋاقىتلىق توختاش كۇنۇپكىسى بېسىلىپ، ھەر تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىشى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، تۈپ جەھەتتىن كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىغا، پۇختا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىغا، ئەسقاتىدىغان ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىيدا مۇستەھكەم، كۈچلۈك، خەۋپ - خەتەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم.

باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ قوشۇن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى جەڭ مەيدانىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بازىسىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ھايات - ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ پولاتتەك تاۋلاندى.

جىددىي پەيتتە قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ چوڭ سىنىقى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان سىياسىي خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان سىياسىي ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى. بۇ دەل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش غەيرىتىگە كەلگەنلىكىمىز، ئىشەنچكە تولغانلىقىمىز، ئۈمىدكە تولغانلىقىمىزنىڭ ئاساسى.

مۇشۇ پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، ئۈمىدكە تولغان دالىدا چېچەكلەر ئېچىلىپ، ئېتىزلار كۆكەردى؛ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى پولات ئۇچقۇنلار چاچراپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى تۆمۈريولدا پويىزلار توختىماي غەربكە قاتنىدى...

بۇ، بىز تۇرۇۋاتقان ئۇلۇغ دەۋر! بۇ، بىز قىزغىن سۆيىدىغان گۈزەل شىنجاڭ!

4 - ئايدا، مەيىن باھار شامىلى ئۇرۇپ تۇراتتى. ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى يىراق بولمىغان كۆزئالدىمىزدا. ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش چەكسىز سەلتەنەتلىك مۇساپە، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى